ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك، سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2019年10月29日
来源:新疆日报
【字体:

10- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 7- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ يېتەرلىك، سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئاساسى سېلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، ھەرقايسى جەھەتلەردە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە، تەكلىپلەرنى تۈزىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن قەتئىي ھالدا نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش خىزمىتى، «ئىككىنى ئېنىقلاش، بىرنى دەلىللەپ تەكشۈرۈش» خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سۈپەت ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. ئىستىلنى چىڭىتىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرا، مۇكەممەل، ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، قايتا - قايتا جەدۋەل تولدۇرۇش، تەكرار خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. «ئىككىنى ئېنىقلاش، بىرنى دەلىللەپ تەكشۈرۈش» خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۆلچەرلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشتا ھەقىقىي، توغرا بولۇشقا ئىنتىلىپ، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشتە قاتتىق، پۇختا بولۇش كېرەك. ياردەم بېرىش، يۆلەش تەدبىرلىرىنى توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئائىلىلەرگە كىرىش تۈرىنى مەنپەئەتلەنگۈچى ئائىلىلەرگە توغرا باغلاپ، قانچىلىك ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك. ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش ۋە ئۇچۇر توپلاش باسقۇچى، سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈش ۋە سىستېما مەشغۇلات باسقۇچى، ئۇچۇرلارنى تۈزىتىش ۋە خىزمەتنى خۇلاسىلەش باسقۇچىدىكى ئوخشاش بولمىغان خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تارماق، خىزمەت، تېخنىكىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بەش دەرىجىلىك شۇجىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە ئەستايىدىل بولۇش، خىزمەتتە قىيىنىغا تېگىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەسپىي تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئادا قىلىشتا، ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى سىياسەت ۋە ئەمەلىي مەشغۇلاتتىكى «زېرەك ئادەم»گە ئايلاندۇرۇش كېرەك. خىزمەت يېتەكچىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا قاتتىق، ئەمەلىي بولۇش خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.