شىنجاڭ مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىدى

日期:2019年09月23日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، شىنجاڭ دۆلەت بېكىتكەن 32 نامرات ناھىيەگە 23 مىليارد 626 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار بىرىكمە مەبلەغ سېلىپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاشقا ئىشلەتكەن.

بۇ يىل چۈشۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغ تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئىشلىتىش ھوقۇق دائىرىسى پۈتۈنلەي نامرات ناھىيەلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن، ناھىيەلەر بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ مەبلىغى 22 مىليارد 3 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بارلىق بىرىكمە مەبلەغنىڭ %93.13ىنى ئىگىلىگەن، مەبلەغ يۆنىلىشى نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلارغا مايىللاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈركۈم مەبلەغ نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى ساھەگە ئىشلىتىلىدۇ ھەم ئالدى بىلەن نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان كەسىپ تەرەققىيات تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ، نامرات ئەمەس كەنتلەردىكى نامرات ئاھالە ياكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش تۈرلىرىدىكى ئەخلەت، يۇندى، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن تام ئاقارتىش، يورۇتۇش قاتارلىق يۈز - ئوبراز قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

مەبلەغ ئىشلىتىشنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۈزۈم لايىھەسى ۋە مەشغۇلات قاتلىمىدىن، بىرىكمە مەبلەغنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ھالقىسى، سىياسەت مەزمۇنىدا يوچۇقسىز، نۇقسانسىز بولۇشنى نامايان قىلىپ، مەبلەغنىڭ پۈتۈن جەريانى، پۈتۈن ۋاقتى، پۈتۈن مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىغا قارىتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈردى.