ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلاردىكى يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىلدى

日期:2019年09月17日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلاردىكى يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى سىن يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

8- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە 2019 - يىلى يولغا قويۇلغان 116 تۈرلۈك يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ 105 تۈرى پۈتكۈزۈلدى، سۇ يەتكۈزۈلمىگەن 13 كەنت ئىچىدىكى 11 كەنتنىڭ سۇ يەتكۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، 264 مىڭ 300 ئادەمنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، يىللىق ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىغىچە 300 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىكەن.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىگە تەتبىقلاپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سۈرئىتىنى ھەقىقىي تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پاكىز، بىخەتەر، خاتىرجەم سۇ ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېيىنكى قەدەمدە، قۇرۇلۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھېساباتقا سېلىشتۇرۇپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ يۈرۈشۈشىنى قوغداش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.