شىنجاڭدىكى قۇياشقا ئەڭ يېقىن ناھىيە «يورۇقلۇق»تىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى

日期:2019年09月17日
来源:天山网
【字体:

پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى (تۆۋەندە تاشقورغان ناھىيەسى دەپ ئېلىنىدۇ) شىنجاڭدىكى قۇياشقا ئەڭ يېقىن ناھىيە دەپ ئاتىلىدۇ، تەبىئىي شارائىتى ناچار بولغانلىقتىن، بۇ يەر يەنە شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتاقىيىننىڭ قىيىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇلتۇردىن بۇيان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلارنىڭ نۇر چۈشۈش بايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئېگىزلىك چۆللۈكىدە فوتو ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جايدىكىلەر «يورۇقلۇق» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا باشلىدى.

ناھىيە بازىرىدىن ئاپتوموبىل بىلەن تەخمىنەن يېرىم سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن، چوڭقۇر ئېنېرگىيەلىك «فۇتيەن-تاشقورغان» تاشقورغان 20 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتو ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، قاتار-قاتار فوتو ۋولت ئېلېكتىر تاختىلىرى قۇياش ئېنېرگىيەسىنى سۈمۈرۈپ توكقا ئايلاندۇرىدۇ. ئادەتتىكى سانائەتتىكى فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ فوتو ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پايدىسى تاشقورغان ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى شۇنداقلا نۆۋەتتە بىردىنبىر فوتو ۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەركەزلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، بۇ تۈرگە 174 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونلۇق ھۆكۈمەت 90 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقارغان، شېنجېن ئېنېرگىيە گۇرۇھى تۈرنىڭ قالغان مەبلىغىنى توپلاش ۋە قۇرۇش، باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.