كۈرەش قىلىش! نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ئەڭ گۈزەل قىياپەت

− جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلارغا نەزەر

日期:2019年09月11日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست − قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى دۆلەت بېكىتكەن «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، نامرات نوپۇس كۆلىمى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنلىشىدۇ، تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا ۋە مۇھىم نۇقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يۆلەش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش - كۆچۈرۈپ يۆلەش قاتارلىق «يەتتە بىر تۈركۈم» نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى ئارقىلىق، 1 مىليون 889 مىڭ 500 نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. كۈرەش قىلىش ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئورتاق قىياپىتىگە ئايلاندى.

ياڭاقلار پىشتى، تۇرمۇشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ گۈزەللەشتى

خوتەننىڭ مېۋىلىرى يەنە پىشتى. ياڭاق پىششىقلاش چوڭ ئائىلىسى ئەزىرۇللا جاپپار تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ئىلگىرى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئۇچۇرى راۋان بولماسلىق، توشۇش قىيىن بولۇشتەك ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ بوستانلىقىنىڭ «چوڭ مېۋە تەخسىسى» دېگەن گۈزەل نامى بولسىمۇ، كۆپىنچە باغۋەنلەر پەقەت ئالتۇن تاغنى ساقلاپ يېتىپ، تۇرمۇشىنى نامراتلىقتا ئۆتكۈزەتتى.

«سېتىش يولى بولمىسا، ھەرقانچە ياخشى ياڭاقنىمۇ ساتقىلى بولمايدۇ.» ئەزىرۇللا جاپپارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر ئۇ سېتىۋالغان سەككىز توننا ياڭاقنى ياخشى باھادا ساتقان، بۇ يىل ئۇ مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يېڭىدىن بىرنەچچە ياڭاق پىششىقلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشقا سېلىپ، كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتقان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىر كۈننى ئىككى كۈننىڭ ئورنىدا ئىشلەتكۈدەك بولۇپ كېتىۋاتىمەن».

مۇشۇ يىللاردا، شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى ۋە شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش تورى قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىپ، «رېندۇ ئىككى تومۇر»نى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى زور قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.

«ئىلگىرى ياڭاق ئۆستۈرۈشكىلا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە ئىلغار باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىلمىي ياڭاق ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدۇق، يەنە ياڭاق ئۆستۈرگۈچى ئائىلىلەرنىڭ سېتىش يوللىرىنى تېپىشىغا ياردەملىشىپ، ياڭاقنىڭ قىممىتىنى ئاشۇردۇق.» كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر ئەلىجان ئىسھاق مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكى ياڭاقلارنى كەنتتىن چىقىرىپلا قالماي، يەنە سوۋغاتلىق قۇتىغا ئوراپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا توشۇپ، ياخشى باھادا ساتتۇق.

مۇشۇنىڭ پايدىسىدىن، ئەزىرۇللا جاپپارنىڭ ياڭاق سودىسى قىلغانسېرى قىزىپ كەتتى، تىجارەت كۆلىمىمۇ قول مەشغۇلاتى قىلىدىغان دۇكاندىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى پىششىقلاش زاۋۇتىغا تەرەققىي قىلدى.

بۇ يىل 1- ئايدا، ئەزىرۇللا جاپپار بەش دېھقان ئائىلىسى بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئۈچ نامرات ئاھالىنى مەبلەغ شەكلىدە پاي قوشۇشقا يېتەكلىدى، نۆۋەتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەتراپتىكى 45 نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى.

«ئىلگىرى ياڭاق ئۆستۈرۈپ ئائىلىمىزنى باقاتتۇق، ھازىر پۇل تاپتۇق، ۋۇجۇدىمىز غەيرەتكە تولدى، تۇرمۇشىمىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ گۈزەللەشتى» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەزىرۇللا جاپپارغا ئوخشاش كۈرەش قىلىۋاتقان، ئوخشاشلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان دېھقانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، نامراتلارنى يۆلەشتە چوقۇم ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش

گۈلخان خۇداۋەدى بۇلتۇر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. تۇرمۇشىدىكى زور ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇنىڭ چېھرىدىن دائىم خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

گۈلخان خۇداۋەدى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسى ئىگىز يەر يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ يەر تىپىك تاغ باغرىدىكى نامرات رايون. يەر شەكلى ئېگىز - پەس بولغاچقا تېرىلغۇ يەرلىرى پارچە - پۇرات ئىدى، ئېقىن سۇنى ساقلىغىلى بولمايتتى، تۇپراق قاتلىمى نېپىز بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز ئىدى... بىر قاتار قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن، بۇ يەردە ياشايدىغان دېھقان - چارۋىچىلار ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانىدى.

بىر يىل بۇرۇن، ھۆكۈمەتنىڭ يۆلىشىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىلگىرى تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان ئوتىغۇچ ۋە پادا قامچىسىنى تاشلىدى. گۈلخان خۇداۋەدى كەنتنىڭ مەركىزىدە دۇكان ئاچتى، چوڭ ئوغلى دۇكان ئالدىدا مەززىلىك تائام يايمىسى قويۇپ كاۋاپ ساتتى، كىچىك ئوغلىمۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

«نامراتلىق نومۇس ئەمەس، نامراتلىقتىن قانائەتلىنىش نومۇس، كەلگۈسىدىكى بەختلىك تۇرمۇشنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايانغاندىلا ياراتقىلى بولىدۇ.» گەپنىمۇ، ئىشنىمۇ كەسكىن قىلىدىغان گۈلخان خۇداۋەدى مۇخبىرلارغا قايتا - قايتا شۇنداق دېدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ماھارىتى تۆۋەنرەك، بېيىش يولى تار بولۇپ، ئادەتتە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى تەس ئىدى. شۇڭا، شىنجاڭ بىر يۈرۈش ھەقسىز كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى بار توپنىڭ كۆپ يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پەقەت بىرىنچى قەدەم، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش تېخى ئالدىمىزدا

مۇشۇ يىللاردا، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەسىپكە باغلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى، ئۈنۈمى، ئىستىقبالى ياخشى نۇرغۇن كارخانا جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلاشتى. تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەچكە، ئۇلار تەبىئەتكە تايىنىپ كۈن كەچۈرمەيدىغان بولدى.

28 ياشلىق مەتتوختى ھېكىم بۇ يىل ئالاھىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. نەچچە ئاي ئىلگىرى، تىككۈچىلىك ھۈنىرى بار بولغان مەتتوختى ھېكىم بىر توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسىغا تەكلىپ قىلىندى، ئىچكىرى رايونلاردىكى كەسپىي تېخنىك ئۇستىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى تېخنىكقا ئايلىنىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يەنە شاگىرت يېتەكلەشكە باشلىدى.

مەتتوختى ھېكىمنىڭ ئۆيى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى شەنبە بازار بازىرى باش سايباغ كەنتىدە بولۇپ، ئۇ جايدا ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇشۇنداق پىشقان سانائەت ئىشچىلىرىنى ئىلگىرى كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەتتوختى ھېكىم ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن كۆپرەك مۇقىم كىرىم قىلىدۇ، يېقىندا خوتۇنىمۇ زاۋۇتقا كىرىپ پىراكتىكا قىلدى، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە بېيىش يولىغا ماڭدى.

كەسىپ تىرىكى بولغاچقا، نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، يەنە كەسىپنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەتتوختى ھېكىمدەك تېخىمۇ كۆپ پىشقان سانائەت ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىدىكى ئائىلە ئايالى بىبىجان دەرۋىش ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بىر توقۇمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھاياتىدىكى تۇنجى ئىش ھەققىنى تاپتى. «ئىلگىرى بالا بېقىپ، تاماق ئېتىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتىم، ھەممىلا ئىشتا ئېرىمگە تايىناتتىم. ھازىر پۇل تاپتىم، شۇنداقلا ئائىلىدىكى <يېرىم دۇنيا>لىق رولۇمنى ئۆتەيدىغان بولدۇم» دېدى بىبىجان دەرۋىش.

يېقىنقى بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە جەمئىي ئورۇندالغان مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 170 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بولۇپ، 2200دىن ئارتۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىسى يېڭىدىن كۆپەيدى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار جەمئىي 450 مىڭدىن ئاشتى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پەقەت بىرىنچى قەدەم، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش تېخى ئالدىمىزدا.» مەتتوختى ھېكىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىچكىرى رايونلاردىكى تېخنىك ئۇستاملاردىن بەزى تەجرىبىلەرنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.