كۇچا ناھىيەسى: كەنت ئاھالىلىرى ئەنجۈردىن ھوسۇل ئېلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىدى

日期:2019年09月09日
来源:天山网
【字体:

 يېقىندا، مۇخبىر كۇچا ناھىيەسى ئىشخلابازىرى تۆۋەنكى بىچاق كەنتىدىكى ئەنجۈرلۈكتە كۆز يەتكۈسىز باغدىكى ئەنجۈر دەرەخلىرىدە ئەنجۈرلەرنىڭ مەي باغلاپ پىشقانلىقىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەنجۈر ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولغانلىقىنى كۆردى.

كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىنكېيىن، ئائىلە زىيارىتى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىقكەنت ئاھالىلىرىنى ئەنجۈرچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنت بويىچە 120 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى220 مويەردە ئەنجۈر ئۆستۈردى، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەنجۈر ئۆستۈرۈشماھىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن بىرگەبىر يېتەكلىدى، تەربىيەلىدى.

«نۆۋەتتە، ئائىلىمىزنىڭ ئىككى مو ئەنجۈرلۈكىدىن1-تۈركۈمدە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت» دېدىنامرات ئاھالە ئابدۇرېھىم كېرەم خۇشال ھالدا.

ھازىر دەل ئەنجۈردىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، خىزمەت ئەترىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا، دوۋيىن، ئۈندىدار قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ تەشۋىق قىلىپ، سېتىشىپ بەردى ھەمدە بەش دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بىلەن سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭئوتتۇرىچە كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەن ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.