يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلىدى

بۇلتۇردىن بۇيان، نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن كۆپرەكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىلدى

日期:2019年09月05日
来源:新疆日报
【字体:

بۇ يىلدىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى باشلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇرېھىمنىڭ چىرايىدىن دائىم بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان بولدى. ئۇنىڭ بۇ يىل خىزمىتى بار بولدى، «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت. ھازىر ئايلىق مائاشىم 3200 يۈەنگە يەتتى، مۆلچەرىمچە يىللىق كىرىمىم 40 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى ئوبۇلقاسىم.

ئوبۇلقاسىم ئېيتقان ياخشى سىياسەت يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى خوتەن شۆبە بانكىسى قەرز پۇل ئارقىلىق قوللىغان شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۇنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىدى.

2018- يىلىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاشنى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا جەمئىي 22 مىليارد 368 مىليون يۈەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قەرز پۇلى تارقىتىپ جەمئىي تارقىتىلغان نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %60.27ىنى ئىگىلەپ، جەمئىي تارقىتىلغان قەرز پۇل سوممىسى ۋە قالدۇق سوممىسى جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى.

«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ئۇششاق، تارقاق، ئاجىز بولۇش، رەنە بۇيۇملىرى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بىز كەسىپ ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلىرى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، يېزا ئىگىلىك كەسىپ تەرەققىياتى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يەر ئوبوروتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە نىشانلىق كۈچەپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق» دېدى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دۇ يەنكۇن.

رەنە بۇيۇملار يېتەرلىك بولماسلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت ئىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسىدىكى «زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش» يادرو قىلىنغان جەنۇبىي شىنجاڭ ئەندىزىسى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش مېخانىزمىغا تۈرتكە بولۇپ ۋە ئىزدىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئايلىنىشىدىكى توسالغۇلارنى تۈگەتتى.

«زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش» دېگىنىمىز، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش زاكازىنى ئاساس، يادرولۇق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى تۇتقا قىلىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەقسىملىنىشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئېقىمى، زاكاز ئۇچۇر ئېقىمى، ساقلاش - تەقسىملەش - ماددىي ئەشيا ئېقىمىدىن ئىبارەت «ئۈچ ئېقىمنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. يېقىنقى ئىككى يىلدا، بۇ بانكا جەمئىي 178 مىليون يۈەن كۆچمە مەبلەغ قەرز پۇلىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چارۋىچىلىق، باغ - ئورمانچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى.

رەنىگە قويۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن باشقا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى يەنە پۈتۈن كۈچى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا خەۋپ - خەتەر تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 123 مىليون يۈەنلىك خەۋپ - خەتەر تولۇقلىما فوندى قۇردى. يېقىنقى مەزگىلدە، بۇ بانكا يەنە قىزىلسۇ ئوبلاستى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، 10 مىليون يۈەن خەۋپ - خەتەر تولۇقلىما پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىكى «مېۋە سېتىش قىيىن بولۇش، مېۋە ئەرزان بولۇپ دېھقانلارغا زىيان يېتىش» مەسىلىسىگە قارىتا، 2018- يىلى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقىدا بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش ئەندىزىسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى. «خەۋپ - خەتەر تولۇقلىما پۇلى تاپشۇرۇش + ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى رەنىگە قويۇش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، بۇ بانكا قەشقەر ۋىلايىتىگە خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش قەرز پۇلىدىن 488 مىليون يۈەن بېرىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، سېتىۋېلىش باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، 200 مىڭ باغۋەننىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇشى، كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«بۇ يىل، ئاپتونوم رايون 300 مىليون يۈەن خەۋپ - خەتەر تولۇقلىما پۇلى تەسىس قىلىپ، بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش دائىرىسىنى پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭەيتىپ، بانكىمىزنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش كىرېدىت قەرز مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش سۇبيېكتى قىلىپ بېكىتتى. يېقىنقى مەزگىلدە، بانكىمىز شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىشقا قاتنىشىشقا ئىشلىتىپ، <پۇل مېۋىنى ساقلاش>نى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى دۇ يەنكۇن.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ بانكا يەنە «باشلامچى كارخانا + كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارىتى سۇبيېكتلىرى مەنپەئىتىنىڭ ئائىلىلەرگىچە باغلىنىشىنى قوللاپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەتكە بىۋاسىتە قاتنىشىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مەزگىل نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىل، بۇ خىل ئەندىزە ئارقىلىق 100 مىليون يۈەن كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى تارقىتىلىپ، 2952 نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.