ئاتۇش شەھىرى: خاس باقمىچىلىقتا «كالا كۈچىنى كۆرسەتتى»

日期:2019年08月21日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلىمىزجياڭ شىڭمەن، لى ۋېنچيەنفوتوسى، خەۋىرى): «مۆ مۆ...» 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسى ئارامەھەللە كەنتىدىكى خاس باقمىچىلىق ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئورنىدا، باققۇچى خادىملار ماللارغا يەم-خەشەك بېرىۋاتقان بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەمگەك مەنزىرىسى نامايان بولغان ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئارامەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، «باقمىچىلىق ماھىرلىرى»نىڭ باشلامچىلىق قىلىپ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش» ۋە مەركەزلىك بورداش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى چارۋىنى تارقاق بېقىشنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، كەسىپلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىشقا ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلەپ، سۈپەتسىز چارۋىنى ئەلا چارۋىغا، كىچىك چارۋىنى چوڭ چارۋىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، تارقاق چارۋىچىلىقنى قوتان باقمىچىلىقىغا ئۆزگەرتىپ، ئارامەھەللە ئاھالىسىنى يېتەكلەپ، «كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق+ئىلمىي باقمىچىلىق+ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق»تىن ئىبارەت تەرەققىيات يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىم ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ «تېز سۈرئەتلىك يولى»غا باشلىدى.

ياز كىرگەندىن بۇيان، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلۈش مەزگىلى كەلدى، خىزمەت ئەترىتى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ زىيارەت قىلىش، ھەپتىنىڭ بىرى دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق پايدىلىق پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، باقمىچىلارغا ئىلمىي باقمىچىلىق، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، باقمىچىلىق بازىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق كەسپىي بىلىملەر توغرىسىدا دەرس ئۆتتى، يەنە باقمىچىلىق كۇرسىنى «نامراتلارنى يۆلەش كالىسى»نى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا يۆتكەپ كەلدى، چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى نەق مەيداندا كەنتتىكى كالا باققۇچىلارغا بېقىش، يۇقۇمدىن ساقلىنىش، نەسىل ياخشىلاش قاتارلىق تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى.

كەنتتىكى ھەربىر كالا باقىدىغان تارقاق ئائىلىلەر ۋە باقمىچىلىققا ماھىر بولمىغان نامرات ئائىلىلەر كوپىراتىپقا 13 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە پاي قوشۇپ، ئەڭ تۆۋەن قوغداش باھاسى بويىچە سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن، ھەر يىلى قوشقان پاي سوممىسىنىڭ %10ى بويىچە ئاھالىلەرگە پايدا تەقسىم قىلىنىدىكەن، ئەگەر ئەھۋالدا داۋالغۇش بولۇپ قالسا، خەۋپ-خەتەرنى زاۋۇت ئۈستىگە ئالىدىكەن. خىزمەت ئەترىتىنىڭ «كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق يولىدا مېڭىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرغانلىق دەل كىرىمنى ئاشۇرغانلىق» ئىدىيەۋى خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى كالا بېقىپ بېيىش يولىغا كىرگەن.