ئاتۇش شەھىرى: «خۇڭشەن تورتخانىسى» كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى

日期:2019年08月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرياڭ كەي،جاڭ تىڭفوتوسى، خەۋىرى): «بۈگۈن كەنتىمىزدىكى خۇڭشەن تورتخانىسىدا بىرنى سېتىۋالسا بىرنى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى بار ئىكەن، پەقەت ئالدىنقى 50 خېرىدار بىلەن چەكلىنىدىكەن.ئەتە ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، مەن تېزرەكبېرىپ زاكازقىلاي!» 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردىلا، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى قىزىلتاۋ كەنتىنىڭكەنت ئاھالىسى قىزىلنۇر ئايىتخۇڭشەن تورتخانىسىغا بېرىپ تورت زاكاز قىلىشقا ئالدىرىدى.

خۇڭشەن تورتخانىسىئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل نۇقتىلىق بەرپا قىلغاننامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈرى، بۇ تۈردە «خىزمەت ئەترىتى+بېيىش باشلامچىسى+نامرات ئاھالە+ئەۋەتكۈچى ئورۇن» ئەندىزىسىقوللىنىلىپ، خۇڭشەن تورتخانىسىكەنتتىكى ئۈچ بېيىش باشلامچىسىغا ھۆددىگە بېرىلگەن بولۇپ، كەنتتىكى ئون نامرات ئاھالىگە سېتىش، پىشۇرۇش، يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەت ئورنى تەمىنلەنگەن، بۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئاھالىنىڭ ئايلىق كىرىمى1000 يۈەن ئاشقان. خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەۋەتكۈچى ئورۇن قارىمىقىدىكى ئىككى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مېھمانخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تورتخانىغاكېيىنكى تېخنىكا كاپالىتى تەمىنلىگەن.

«تورتخانا ئېچىلغانيېرىم ئايدىن بۇيان، تىجارەت سوممىمىز كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 يۈەنگە يەتتى، بەزىدە زاكازكۆپ بولسا، بىر كۈنلۈك كىرىمىمىز 1000 يۈەندىن ئارتۇققا يېتىدۇ، ھازىر بىزمۇ كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسى بولۇپ قالدۇق، بىز چوقۇم تورتخانىنى تېخىمۇ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىمىز!» دېدىتورتخاناتىجارەتچىسى چولپان ئۆمۈر.