شىمالىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىشتا ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش، تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2019年07月24日
来源:新疆日报
【字体:

7- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن شىمالىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 7- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار نامرات ئەمەس ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ۋە مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىشتا ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش، تۆھپە قوشۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىش ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىغا كىردى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شىمالىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامرات ئاممىنى يەيدىغاندىن غەم قىلدۇرماسلىق، كىيىدىغاندىن غەم قىلدۇرماسلىق مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان، بىراق «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تە يەنە ئاز بولمىغان ئاجىز ھالقىلار بار. جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى توپلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، دىققەتنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي ھۇجۇم نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتىۋېتىش، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈۋېتىش خاھىشىنى قەتئىي يېڭىپ، دىققەت نۇقتىسىنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى، نىشان مەركىزىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەت ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، رايونلار تەرەققىياتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، دائىملىق خىزمەتلەرنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتىنى ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، باشقا تۈرلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن «چېتىپ» يولغا قويۇش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، كەنت، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەشتە دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەش كېرەك. «قايتا قاراپ چىقىش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تەكشۈرۈش، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىش، چۈشۈپ قالغان تۈرلەرنى تولۇقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا مەسىلىنى ھەل قىلىش، دەل جايىدا ئاساسنى پۇختىلاش، دەل جايىدا مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش، دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈش، قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ناھىيەلىك پارتكوملارنىڭ «بىرىنچى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى»لىق رولى ۋە ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ «بىرىنچى سەپ باش قوماندانى»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەگە، خەلققە، تارىخقا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن نىشاننى چىڭ ئىگىلەپ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.