ئابدۇل باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى

日期:2019年07月19日
来源:新疆日报
【字体:

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كالىلىرىنى ساتقاندىن كېيىن، بىزگە 100 مىڭ يۈەن پايدا قالدى، ئەمدى نېمە باقىمىز، كۆپچىلىك ئويۇڭلارنى ئېيتىپ بېقىڭلار.» 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى چارباغ كەنتىدىكى ئەزھەر باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇل مەمەتروزى باشقا ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى.

بۇ كىچىككىنە يېزا باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا، بارلىققا كېلىشتىن ئۆسۈپ يېتىلىشكىچە قويۇق «يەرلىك پۇراق» ھەمراھ بولدى. بۇ جەرياندا، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى بار بولدى، ئابدۇل كىشىلىك ھاياتتىكى بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى «بىرىنچى كومزەك ئالتۇن»نى قازدى

باقمىچىلىق قوتانلىرىنى تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئابدۇل كۆپچىلىكنى ئېلىپ قېلىپ، ئىشىك ئالدىدا «پايچىكلار يىغىنى» ئاچتى. «يان تەرەپتىكى ئاۋۇ قاتار ئۆيلەر بىزنىڭ ئىشخانىمىز، مەجلىسخانىمىز، بۇ بىرنەچچە كۈندىلا بېزىلىپ بولىدۇ، كېيىنكى قېتىمدا شۇ يەردە يىغىن ئاچالايمىز» دېدى ئابدۇل.

بۇ يىل 2- ئايدا، ئابدۇل قارىقاش ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇشىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كەنتنىڭ 1- شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋارىس ئىمىننى ئىزدەپ بېرىپ، كەنت ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى، بۇ، ۋارىسنى ناھايىتى خۇشال قىلىۋەتتى.

ئابدۇل ئىلگىرى قېزىش ماشىنىسى ھەيدەپ باققان، كېيىن قېزىش ماشىنىسىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىزچىل نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي يۈرگەنىدى. كەنتتە بىر باقمىچىلىق قوتىنى بار بولۇپ، ئىزچىل بىكار تۇرغانىدى، ۋارىس ئابدۇلنى باشلامچىلىق بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى يېتەكلەپ بىرلىكتە باقمىچىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، ئابدۇلنىڭ ئۆگەنگىنى دەل چارۋىچىلىق كەسپى ئىدى، ئۇ بۇ تەكلىپنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

ناھايىتى تېزلا، ئابدۇل كەنت ئاھالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر قانچە نامرات ئاھالە بار ئىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، كەنت ئاھالىلىرى ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىكار تۇرغان باقمىچىلىق قوتىنىنى تازىلاپ رەتلىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رويخەتكە ئېلىش، ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ئۆلچەش، تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ياردەملىشىپ توختام ھۆججىتى تۈزدى. ۋىۋىسكا ئېسىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ياساپ تەييارلاپ قويغان ۋىۋىسكىنى مەخسۇس ئاپىرىپ بەردى.

پايچىكلار مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئالدى بىلەن كالا بېقىشنى قارار قىلدى. ئابدۇل دەرھال «بازار ئارىلاش» ئەندىزىسىنى قوزغىتىپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى كالا - قوي بازارلىرىغا بېرىپ كالا تاللىدى، بىردىن - بىردىن كۆرۈپ، بىردىن - بىردىن سېتىۋېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكە تاللىدى. «كالىلارنىڭ باھاسى تۆۋىنىنىڭ 9000 يۈەن، يۇقىرىسىنىڭ 20 مىڭ يۈەن، قىممىتىنىڭ قىممىتىگە يارىشا داۋلىسى بار، ئەرزاننى قوغلاشساق بولمايدۇ، لېكىن ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرمىسەكمۇ بولمايدۇ» دېدى ئابدۇل.

50 تۇياق كالا ئارقا - ئارقىدىن باقمىچىلىق قوتىنىغا كىردى، ئۈچ ئايدىن ئارتۇق كۆڭۈل قويۇپ بېقىش ئارقىلىق كالىلار ئوبدانلا سەمرىدى. ئابدۇل بازار باھاسىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇردى، يېقىندا ئۇ باھانىڭ يامان ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن كالىلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋەتتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى «بىرىنچى كومزەك ئالتۇن»نى قازدى، كۆپچىلىكنىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قالدى.

ھەر كۈنى سودا دەستۇرى ئۈستىدە ئىزدەندى

چارباغ كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، نامرات ئاھالە كۆپ. بۇ كەنت قاراقاش دەرياسىغا يېقىن بولۇپ، قىرغاق بويىنىڭ سۈيى ئەلۋەك، ئوت - چۆپى مول، كەنت باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، باقمىچىلىقنى چۈشىنىدىغان ھەم بازارنى چۈشىنىدىغان باشلامچىغا ئېھتىياجلىق ئىدى. 26 ياشلىق ئابدۇلنىڭ مۇشۇنداق يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئۇ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە چارۋىچىلىق ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگەنگەنىدى.

«نېمىنى بېقىشتا ئالدى بىلەن تەننەرخنى ھېسابلاشتىن باشلاش كېرەك. بىز 10 مىڭ يۈەنلىك يەم - خەشەك سېتىۋالدۇق، كالىنىڭ سانى ۋە كۈن سانى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر كالىغا كۈنىگە تەخمىنەن يەتتە يۈەنلىك يەم - خەشەك كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا قانداق باھادا ساتقاندا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقى، قانچىلىك پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆڭۈلدە سان بولىدۇ» دېدى ئابدۇل. بوردالغان كالا سېتىلغاندىن كېيىن، ئۇ كالا بېقىش كۆلەملەشمىسە، سۈت، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى چىقمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

شۇ كۈنى قوتان ئالدىدا ئېچىلغان «پايچىكلار يىغىنى»دا، ئابدۇل ئۆزىنىڭ ئويىنى ئېيتىپ، كالىنىڭ باھاسى بەك يۇقىرى، خەۋپى بىر قەدەر چوڭ، قوينىڭ خەۋپى تۆۋەنرەك، دەۋرىيلىكىمۇ قىسقا، بورداقچىلىق ئارقىلىق كىرىم قىلىپلا قالماي، تۆل ئېلىپمۇ پۇل تاپقىلى بولىدۇ، دېدى. كۆپچىلىك بۇنى ناھايىتى ئورۇنلۇق ھېس قىلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ئەخمەت توختى توختىماي بېشىنى لىڭشىتىپ: «قوي بېقىش كالا بېقىشتىن ئاسان، مەن قوللايمەن» دېدى.

كېيىنكى قەدەمدە، كۆپچىلىك قوي سېتىۋېلىش ئىشىنى پىلانلاشقا باشلىدى. بۇ مەزگىلدە، ئابدۇل دائىم قاراقاش ناھىيەسىنىڭ باشقا كەنتلىرىگە بېرىپ باشقىلارنىڭ قانداق باقمىچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقتى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتى تىلغا ئېلىنغاندا، ئابدۇل توختىماي سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىللىك ئويىنىڭ ھەممىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، 650 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئابدۇل چوڭ پايچىك ئەمەس، ئۇ پەقەت 100 مىڭ يۈەنلا پۇل چىقارغان، قاشتاش سودىسى قىلىدىغان بىر كەنت ئاھالىسى ھەقىقىي چوڭ پايچىك ئىدى. لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئابدۇلغا ئىشىنىپ، ئۇنى ئىگىلىك باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى توغرىسىدا ئابدۇل ناھايىتى كۆپ ئويلاندى، ھەم ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك چوڭ ئائىلىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەك، ھەم ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايدىغان نامرات ئاھالىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. «كەنت ئاھالىسى مەمەتتوختى نۇرئەمەت بۇرۇن ماڭا ياردەملىشىپ قېزىش ماشىنىسى ھەيدىگەن، ئۇ ماشىنىنى ئاسراشقا مەندىنمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىشنى ئەستايىدىل قىلىدۇ؛ كەنت ئاھالىسى ئابلىز قادىر ھاۋالىلىك توشۇش ئورنىدا ئىشلەپ باققان، ناھايىتى ئىشچان، توكسىكلىتنى ھەيدەپ تەرەپ - تەرەپتە يۈك ئېلىپ، يۈك توشۇيدۇ...» ئابدۇل مۇنداق دېدى: ھازىر كۆپچىلىك بىر تال ئارغامچا بولۇپ چىڭ ئۇيۇشۇپ، ئىشنى ياخشى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

ھازىر كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى

بۈگۈنكى كۈندىكى ئابدۇلنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئىشەنچى تولۇپ تاشقان، بىر يىل بۇرۇن ئۇنىڭ ھالىتى بۇنداق ئەمەس ئىدى. «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، چەكتىن ئاشقان ئىش قىلغانىدىم» دېدى ئابدۇل خىجىللىق بىلەن.

ئابدۇل ئىلگىرى قانۇنسىز دىن ئۆگەنگەن، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن «كاللىسى يۇيۇلغان». «ئۇلار ماڭا دىنىي ئەقىدە ھەر قانداق قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دۆلەت تارقاتقان گۇۋاھنامىنى ئېلىشقا بولمايدۇ، دۆلەت تارقاتقان تولۇقلىمىنىمۇ ئېلىشقا بولمايدۇ، دېگەن.» ئابدۇلنىڭ ئېيتىشىچە، «توي قىلغان»دا، ئۇ خوتۇنى بىلەن توي خېتى ئالماي، پەقەت ئادەم تەكلىپ قىلىپ «نىكاھ» ئوقۇتقان. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىش مەزگىلىدە، ئابدۇل سىستېمىلىق ھالدا جىنايى ئىشلار قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى، ئۆيلىنىش قانۇنى قاتارلىقلارنى ئۆگەندى، ئىلگىرى قانۇن بىلمەيدىغان ئۇنىڭدا قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭى شەكىللەندى، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن دەرھال خوتۇنى بىلەن توي خېتى ئالدى.

ئۇنىڭ قانۇننى كۆزگە ئىلماي قىلغان بولمىغۇر ئىشلىرى ئاز ئەمەس، «بىر قېتىم ئاشۇ كىشىلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، كاللام قىزىپ، كىملىكىمنى كۆيدۈرۈۋېتىپتىمەن.» ئابدۇلنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىتتا ئۇ قېزىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ كەنتنىڭ ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشماقچى بولغان، كىملىكى بولمىغاچقا قېزىش ماشىنىسىنى سېتىۋالالمىغان، نوپۇسقا ئورنىتالمىغان، كېيىن ئامالسىز تولۇقلاپ بېجىرگەن.

ئۇ يىللاردا كەنتتە ئەمىن ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشلىرى كۆپ بولغاچقا، ئابدۇل قېزىش ماشىنىسى ھەيدىسە كۆپ پۇل تاپالايتتى، ئەمما ئۇنىڭ قەلبى گاڭگىراشقا تولغانىدى: ئەمىن ئۆي ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆي سېلىشقا قاتنىشىپ تاپقان پۇلۇم «مۇسۇلمانچە» ئەمەسمۇ قانداق؟ ئەگەر ھېچقانداق پۇل تاپمىسام، بىر ئائىلە كىشىلىرى قانداق تۇرمۇش كەچۈرىمىز؟

بۇ گۇمانلارغا، كېيىن تەربىيەلىنىش جەريانىدا جاۋاب تېپىلدى. «ئۇ ۋاقىتتا پەرق ئېتىش ئىقتىدارىم بولمىغاچقا، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىپتىمەن. مەن ھازىر داۋلىنى چۈشەندىم.» ئابدۇلنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر مەزگىلدە، ئۇ دائىم كەنتتىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، يۇرتداشلارغا ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە تەسىراتىنى سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى، بولۇپمۇ ياشلارنى كونا سەنەمگە قايتا دەسسىمەسلىككە دەۋەت قىلدى.

ئابدۇلنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارىتىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ھەربىر نامرات ئاھالىنى يىل ئاخىرىدا ياخشى كىرىمگە ئىگە قىلىش، كېلەر يىلى كۆلەمنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ پۇل تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىكەن. «سىز شۇ چاغدا داۋاملىق قېزىش ماشىنىسى ھەيدەشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى مۇخبىر. ئابدۇل جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۆزى پۇل تاپقان بىلەن كۆپچىلىكنى باشلاپ بىرلىكتە پۇل تاپقاندىكى ھېسسىيات ئوخشاش بولمايدىكەن، ھازىر مەن كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇم، شۇنداقلا ئىنتايىن خۇشال».