نامرات تاغدىن چىقىش  «كەڭ زېمىن»دا ئولتۇراقلىشىش

− شىنجاڭ پامىر ئېگىزلىكى چېگراسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز

日期:2019年07月16日
来源:新疆日报
【字体:

كوئېنلۇن تاغ تىزمىسىدىن كۆچۈپ چىققان ئىززەتشاھ مابات ئەمدى كالا، قوي باقمايدىغان، پىژغىرىم ئىسسىقتا يۈرمەيدىغان بولدى، ئۇ يېڭى ئۆيىگە يىراق بولمىغان جايدىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا بىر يېڭى خىزمەتكە ئېرىشتى.

مۇخبىرلار بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىش كىيىمى كىيگەن ئۇ باش چۆكۈرگەن ھالدا تېز سۈرئەتتە جۇڭگو تۈگۈچى توقۇۋاتاتتى، يېنىدا يەنە 40 نەچچە يېڭى قوشنىسى بىللە ئەمگەك قىلىۋاتاتتى. بۇ نامراتلارنى يۆلەش سېخى دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى پامىر ئېگىزلىكىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسىغا قۇرۇلغانىدى. شېنجېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان بىر كارخانىسىنىڭ سېتىشى ئارقىلىق، قولدا توقۇلغان بۇ جۇڭگو تۈگۈچلىرى پامىر ئېگىزلىكىدىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تاجىك مىللىتى ئاھالىسى ئاساسىي گەۋدە بولغان بىردىنبىر ناھىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى غەربىي قىسىم ئېگىزلىكىدىكى چېگراغا جايلاشقان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، چەت، يىراق، جاپالىق. ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىي مەيدانىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەتۈر ساناق تاختىسى كىشىلەرگە ھەر ۋاقىت چېگرادىكى بىر مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

ئىززەتشاھ ماباتنىڭ يۇرتى مارياڭ يېزىسىدا بولۇپ، ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىدىن تارتىپ كوئېنلۇن تاغ تىزمىسىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراقلىشىپ، تۆت تەرىپى تاغلار بىلەن قاپلانغان جىلغىدا مال بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. تاغ ئىچكىرىسىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى دۇنيادىن ئايرىلىپ ياشاشتىن دېرەك بېرەتتى. ناھىيە بازىرىدىن مارياڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەتراپىغا كىرگىچىلا، دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاڭلې داۋىنىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.

«توك يوق، سۈيى ياخشى ئەمەس، قىشتا دەريا سۈيى مۇز تۇتىدىغان بولۇپ، مۇزنى چوقۇپ سۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولاتتى.» بۇ جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ، كىلىماتى سوغۇق، ئەتراپتىكى ئوتلاق شالاڭ، قاتناش، خەۋەرلىشىش ئىنتايىن قولايسىز، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن، مەكتەپتە ئوقۇشمۇ قىيىن بولۇپ، ئىززەتشاھ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق ئىدى.

بۇ جايدا ئۇنىڭغا ئوخشاش «نامرات تاغ»قا قاپسىلىپ قالغان دېھقان - چارۋىچىلار ئاز ئەمەس، مارياڭ يېزىسى، داتۇڭ يېزىسى، ۋەچە يېزىسى قاتارلىق بەش يېزىنىڭ ھەممىسى چەت، يىراق، تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدۇ، مىڭدىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى قىيىن بولۇپ، «شۇ جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاي كىشىلىرىنى باقالمايتتى».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى پامىر ئېگىزلىكىگە «يۈرۈش قىلىپ»، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئەۋلادمۇ ئەۋلاد نامرات ئۆتكەن دېھقان - چارۋىچىلارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. 2017- يىلى، تاتىكۆل نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلدى. 358 يۈرۈش 80 كىۋادرات مېتىرلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق يېڭى ئۆي، ھەر بىر ئائىلىگە يەنە 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملىك كالا، قوي ئىسسىق قوتىنى تەقسىملەنگەن بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 985 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىر كېلىدىغان چۆللۈكتە قەد كۆتۈردى.

ئىككى يىلدىن بۇيان، بەش يېزىدىكى 1400دىن ئارتۇق نامرات دېھقان - چارۋىچى ئارقا - ئارقىدىن تاتىكۆلدىكى يېڭى تۇرالغۇسىغا كۆچۈپ كىردى.

داتۇڭ يېزىسىدىن كەلگەن مىرەمەتخان پەيزىمەت بىرىنچى بولۇپ كۆچۈپ كىردى. كۆچكەن كۈنى، مىرەمەتخان شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە شېنجېننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كارخانىلىرى ئىئانە قىلغان توڭلىتىش ساندۇقى، كىرئالغۇ، سۇ ئىسسىتقۇچ قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ داڭلىق ماركىلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مىرەمەتخان مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «تاغدا ئېلېكتىر سايمانلىرىنى بەك ئىشلەتكۈمىز بولسىمۇ، لېكىن توك بولمىغاچقا ئەسلا ئىشلىتەلمىگەنىدۇق».

«كۆچۈپ چىقالايدىغان» نامرات ئاممىنى «مۇقىم تۇرالايدىغان» «نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدىغان» قىلىش ئۈچۈن يانداش كەسىپلەر كەم بولسا بولمايدۇ. ناھىيەلىك ھۆكۈمەت سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، شېنجېندىكى كارخانىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، «شىركەت + بازا + دېھقان» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يېڭى كۆچۈرۈلگەن دېھقان - چارۋىچىلارنى نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى، ئىززەتشاھ مابات دەل مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلىدۇ.

ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇڭ شىنشىن بۇ چۆللۈك يېڭى شەھەرچىسىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە قاتناشتى ھەم گۇۋاھ بولدى. «سۇ، توك، يول، خەۋەرلىشىشنىڭ ھەممىسى ئائىلىلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى، جۈملىدىن يېڭى ئۆي جاھازلىرىمۇ ئائىلىلەرگە كىردى.» ئۇ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا 100 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 200 ئادەمنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىش پىلانلىنىۋاتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە، ھەر بىر كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر ئەمگەك كۈچىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساسىي جەھەتتىن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، كەنت ئاھالە كومىتېتى، مەدەنىيەت ئۆيى، يەسلى، شىپاخانا قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى. ئىلگىرى گىياھ ئۈنمەيدىغان بۇ چۆل - باياۋاندا بۈگۈنكى كۈندە 3850 مو تېرىلغۇ يەر ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، كىشى بېشىغا 2.7 مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كەلدى. يەرنى تۈزلەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سۇ تېجەيدىغان تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەسى ئورنىتىش، چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق، چارۋىچىلار بىردىنلا زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قەدەم قويدى.

«كۆچمەن چارۋىچىلىق ئەسلىمىسى يوقالمايدۇ، كۆچۈرۈلۈش نۇقتىسىغا يىراق بولمىغان جايدىكى 40 مىڭ مو تۇتاش يەردە پۈركۈپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ياردىمىدە چوڭ تىپتىكى سۈنئىي ئوتلاق تېز سۈرئەتتە بەرپا قىلىنماقتا.» لۇڭ شىنشىن مۇنداق دېدى: «كالا، قويلار ئوتلاققا موھتاج، چارۋىچىلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ موھتاج».