چوڭ زاۋۇتلار كىچىك زاۋۇتلارنى يېتەكلىدى، كەسىپ بېيىشقا باشلىدى

日期:2019年07月02日
来源:天山网
【字体:

يازدىكى تاڭ قۇياشىنىڭ نۇرى سۇس، نېپىز تۇمانلاردىن ئۆتۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتى (7 - كەنت)دىكى قارا مور كەسپى بويىچە يېتىشتۈرۈش باغچىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشتى. ماشىنىلار گۈركىرىۋاتقان، چىشلىق چاقلار ئايلىنىۋاتقان، ئىشچىلار توختىماي ئالدىراش يۈرگەن، گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

تاياقچە ياساش سېخى ئىچىدە، سېۋەت-سېۋەت ياغاچ كېپەكلىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە قاچىلىنىپ، تال-تال قارا مور زەمبۇرۇغ تاياقچىسىغا ئايلاندى. زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرۈش سېخىدا، يېتىشتۈرۈلگەن قاتار-قاتار زەمبۇرۇغ تاياقچىلىرىنى ئاپئاق زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى قاپلىغانىدى. ھەر بىر ئائىلىگە 2000 تال زەمبۇرۇغ تاياقچىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، كۈنىگە 20 مىڭ تال زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن بازاردىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان «موتور»غا ئايلاندى.

زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىش، خام ئەشيانىڭ ئۈزلۈكسىز تەمىنلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى بويىچە، كۈنىگە 15 توننا ياغاچ كېپىكى كېتەتتى. تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدىكى قارا مور كەسپى بويىچە يېتىشتۈرۈش باغچىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت باش ئەترىتى ۋاقىتلىق پارتكومى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «چوڭ زاۋۇتلار كىچىك زاۋۇتلارنى يېتەكلەش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتى (7-كەنت)، قورغان كەنتى (2-كەنت)، ياربېشى كەنتى (5-كەنت)، توپىلاڭجىران كەنتى (10-كەنت) ھەم ئاقتوقاي يېزىسىدىكى 5- كەنتتە بەش ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئۇۋىتىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىدى. ھەر قايسى ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتلىرى خادىملارنى تەشكىللەپ، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ياغاچ كېپىكى قىلىپ، ئاندىن ياغاچ كېپەكلىرىنى 7-كەنتتىكى قارا مور كەسپى بويىچە يېتىشتۈرۈش باغچىسىغا قارا مور زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ياساش خام ماتېرىيالى سۈپىتىدە سېتىپ بەردى.

7-كەنتتىكى قارا مور كەسپى بويىچە يېتىشتۈرۈش باغچىسىدا، ھەر كۈنى ھەر قايسى كەنتلەردىكى ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتلىرىدىن كەلگەن ئاپتوموبىللار گىردىن ئۆتۈپ، يۈكلەر چۈشۈرۈلىدۇ.

ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ھەرقايسى كەنتلەردىكى تاشلىۋېتىلگەن دەرەخ شاخلىرىنى «گۆھەر»گە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغىمۇ تۈرتكە بولدى.

قورغان كەنتى (2-كەنت) ياغاچ ئۇۋىتىش كەسپىنى نامرات ئاھالە مۇسا كېرەمگە ھۆددىگە بەردى، مۇسا كېرەم تۆت نامرات ئاھالىنى باشلاپ دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى. 5-ئايدىلا، زاۋۇتتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 10 توننا ئەتراپىداياغاچ كېپىكى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئايلىق سېتىش سوممىسى 90 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ياغاچ ماتېرىيالى سېتىۋېلىش، ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى، توك ھەققى قاتارلىق تەننەرخلەرنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇ بىر ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدۇ.

توپىلاڭجىران كەنتى (10-كەنت)دە ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەر گىرى ئورنىتىلىپ، بۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەردىن ياغاچ ماتېرىيال سېتىۋېلىشقا يۈزلەندۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈچ نامرات ئاھالە ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كەنت ئاھالىسى تۇگۈل قۇربان ئۆيىدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ پۇتاپ ئېلىۋېتىلگەن كېرەكسىز شاخلىرىنى ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتىغا سېتىپ بېرىپ، 2000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان نامرات ئاھالە مەمەت ھۈسەن ھەر ئايدا 1800 يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

ياربېشى كەنتى (5-كەنت)دە ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىككى نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. نامرات ئاھالە نۇرۋەلى ھىمىت مۇنداق دېدى: بۇ زاۋۇتتا ئىككىمىز ياغاچ ماتېرىياللارنى ئۇۋىتىپ، مىقدارى بويىچە پۇل ئالىمىز، مەن بىر ئاي ئىشلىسەم 2000 يۈەن تاپالايمەن.

چوڭ دەريادا سۇ بولسا، كىچىك ئېقىنلاردا سۇ لىق ئاقىدۇ، چوڭ زاۋۇت روناق تاپسا، كىچىك زاۋۇتلار گۈللىنىدۇ. تۆۋەنكى مەكىت كەنتى (7-كەنت)نىڭ قارا مور كەسپى پۈتۈن بازاردىكى نامرات ئاممىنىڭ قارا مور ئۆستۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە كىچىك تىپتىكى ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ ياغاچ ئۇۋىتىش زاۋۇتلىرى بۇرۇنقى كېرەكسىز ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پۇلغا ئايلاندۇردى، شۇنداقلا ئىلگىرى ئۆيىدە بىكار قالغان نامرات ئاممىنى مۇقىم ئىش ئورنىغا ئىگە قىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدە، 7-كەنتنىڭ قارا مور كەسپى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يولى بارغانسېرى كېڭىيىپ، تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمى بارغانسېرى كۈچەيدى.