قاغىلىق: «ئالتۇن مېۋە» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئاچتى

日期:2019年06月11日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۈي

يازدا، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ياڭاق دەرەخلىرى ياپيېشىل بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى، دەرەخ شاخلىرىدىكى سانجاق - سانجاق مېۋىلەر قۇياش نۇرىغا قېنىپ، كۈنسېرى چوڭايماقتا ئىدى.

قاغىلىقلىقلار شۇ جاينىڭ خاس باغ - ئورمان بايلىقىنى «ئالتۇن مېۋە، قاشتېشى ياپراق» دەپ تەرىپلىشىدۇ، ئەڭ روشەن بولغىنى ياڭاق بولۇپ، كۆلىمى 580 مىڭ مو، پۈتۈن ناھىيەدىكى باغ - ئورمان كۆلىمىنىڭ %70ىگە يېقىنلىشىدۇ. قاغىلىق ناھىيەسى مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ ياڭاقچىلىق كەسپىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ياڭاقنى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندۇردى، نامرات ئامما كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، ياڭاق «كىرىمنى ئاشۇرىدىغان مېۋە» بولۇپ قالدى.

■ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشلەپ، پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولۇش

5- ئاينىڭ 24- كۈنى سەھەردە، شاخاپ يېزىسى چىۋا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇنساگۈل باي ئۆي ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئادىتى بويىچە كەنتتىكى يۈكسەل دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كەلدى. ھويلىغا ئىككى قاتار ياڭاق چېقىش ماشىنىسى قويۇلغانىدى، ئۇ بىر ياڭاق چېقىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى.

بۇ كۈنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 20 نەچچە ئايال بىرلا ۋاقىتتا خىزمەت قىلدى، ئۇلار ئۇستىلىق بىلەن بىر قولىدا ياڭاقنى ماشىنىغا سېلىپ، بىر قولىدا تۇتقۇچنى چۆرگىلىتىپ ياڭاق چاقتى، سېۋەت توشقاندىن كېيىن، سېۋەتنى ئارقىدىكى سۇپىغا ئېلىپ بېرىپ، ياڭاق مېغىزىنى ئىلغاپ چىقتى. تۇنساگۈلنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كۈندە ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندىن سىرت، كۆپىنچە ۋاقىتتا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەيدىكەن، ھەر كۈنى 25 كىلوگىرامدىن 35 كىلوگىرامغىچە ياڭاق مېغىزىنى ئىلغاپ، كۈندە 70 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايدىكەن.

تۇنساگۈلنىڭ ئائىلىسى نامرات ئائىلە. يۈكسەل دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ قوللىشىدا، ياڭاقنىڭ پوستىنى سويۇش، يۇيۇش، قۇرۇتۇش، دەرىجىگە ئايرىش قاتارلىق دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەش ئاقما لىنىيەسى قۇرۇلۇپ، تۇنساگۈل ۋە كەنت ئاممىسىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشلەيدىغان ياخشى ئورۇن بىلەن تەمىنلىدى. «ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىشى بىرقەدەر جانلىق، كەنت ئاھالىسى خالىغان چاغدا كەلسە بولىدۇ، مىقدارغا قاراپ ئىش ھەققى ھېسابلىنىدۇ، شۇ كۈنىلا ھېسابات قىلىنىدۇ.» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مەخمۇت ئەلى: ھازىر ياڭاقنى دەسلەپكى پىششىقلاشنىڭ كاسات مەزگىلى، ئانچە كۆپ ئىشلەمچى كەتمەيدۇ، مولچىلىق مەزگىلىدە كۈندە 70چە ئىشلەمچى كېتىدۇ، تەخمىنەن %20ى يېقىن ئەتراپتىكى نامرات ئامما، دېدى. كۈندە كېلىپ ياڭاق ئاقلايدىغان ئايگۈل ئوسمان: ئىشىك ئالدىدا ئىشلەپ پۇل تاپقاندا، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا دەخلىسى بولمايدىكەن، كەنتتىكى ئاياللارغا ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن، دېدى.

بۇنداق كۆرۈنۈشنى شاخاپ يېزىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆرگىلى بولىدۇ. «ياڭاقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، پۈتۈن يېزىدا جەمئىي 28 ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، بۇلتۇر بىر يىلدىلا 18ى قۇرۇلدى.» شاخاپ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ لۇڭفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ياڭاقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىر تۈركۈم نامرات ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى».

قاغىلىق ناھىيەسىگە نەزەر سالساق، باغۋەنلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ياڭاق قاتارلىق خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرغان ئەمەلىيىتىنى ھەرقايسى يېزا - كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆرگىلى بولىدۇ. ھازىر، قاغىلىق ناھىيەسىدە مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان 44 نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

■ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

يۈكسەل دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇلتۇر 860 توننا ياڭاق سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ چىۋا كەنتىنىڭ بارلىق ياڭاق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپ. دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەشتىن كېيىن، ھەممىسىنى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى − شىنجاڭ مېيجيا يېمەك - ئىچمەك چەكلىك شىركىتىگە ئاپىرىپ بەردى.

مېيجيا شىركىتىنىڭ ھەر يىللىق ياڭاق ئېھتىياج مىقدارى 30 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، بۇ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ياڭاق ھوسۇلىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ شىركەت ھەرقايسى يېزا - بازارلاردا نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن 14نى قۇردى، مولچىلىق مەزگىلىدە 2200دىن كۆپ كىشى ئىشلەيدۇ، بۇلارنىڭ 700دىن كۆپرەكى نامرات ئامما. «كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، نامراتلار كارخانىدا ياكى نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئىشلىسىلا، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى پېڭ خۇڭچۇن.

مېيجيا شىركىتى شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ 12 مىڭ مودىن ئارتۇق يېرىنى ئوبوروت قىلىپ ياڭاق ئۆستۈرۈش بازىسى قىلىپ، 1300گە يېقىن باغۋەنچىلىك ئائىلىسىنى قاپلىدى. يېرى ئوبوروت قىلىنغان دېھقانلار سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدۇ ياكى ياڭاق ئۆستۈرۈش بازىسىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، ئوبوروت ھەققىدىن باشقا يەنە بىر ئۈلۈش كىرىمگە ئېرىشەلەيدۇ. پېڭ خۇڭچۇن مۇنداق دېدى: ياڭاق ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى ياڭاق پەقەت شىركەت ئېھتىياجىنىڭ ئاز بىر قىسمىنىلا تەمىنلەيدۇ، ئاساسلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆستۈرۈش - پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىلىدۇ.

نۆۋەتتە، مېيجيا شىركىتى ياڭاق سۈتى، ياڭاق يېغى قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى 20 نەچچە خىل ياڭاق مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، پۈتكۈل كەسىپ ئارقىلىق شۇ جايدىكى 25 مىڭ ئەتراپىدىكى دېھقان ئائىلىسىنى يېتەكلىدى ھەمدە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش جەھەتتە داۋاملىق ئىزدەندى، بۇ شىركەت بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدىغان ياڭاق تالقىنى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى سىناق قىلىۋاتىدۇ.

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى فېڭيۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش چەكلىك شىركىتىدە، ئۇۋاقلانغان ياڭاق شاكاللىرى بوش يەرگە تاغدەك دۆۋىلەنگەنىدى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى چىن لىجۇڭ تونۇشتۇرۇپ: بۇلار ئەسلىدە ئەخلەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان قالدۇقلار ئىدى، بىز ئىككىلەمچى كارخانىلارنىڭ داۋاملىق پىششىقلاپ ئىشلەپ ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىغا سېتىپ بەرمەكچى، دېدى. بۇلتۇر بۇ شىركەت 3000 توننا ئەتراپىدا ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئەتراپتىكى 300 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 160تىن كۆپرەكى نامراتلار.

نۆۋەتتە، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى يەتتىگە يەتتى. قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لياڭ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: «بىر تۈركۈم مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ۋە نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىغا تايىنىپ، ياڭاقنى تولۇق پىششىقلاپ ئىشلىدۇق، قاغىلىق ناھىيەمىزدە كۆك پوستىدىن مېغىزىغىچە تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردۇق».

■ سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

ياڭاقچىلىق كەسپى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق تۈۋرۈك كەسپى − پۈتۈن ناھىيەدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدە ياڭاقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتناشقانلار 300 مىڭدىن ئاشىدۇ. نۇرغۇن ياڭاق ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشنى مەنبەدىن باشلاش، ياڭاقنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھوسۇل، كىرىمنى ئاشۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن ناھىيەنىڭ ياڭاقچىلىق كەسپى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش جەزمەن بېسىپ ئۆتىدىغان يول.

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ياڭاقلىق باغلاردا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.

شاخاپ يېزىسىدىكى خاس باغ - ئورماننىڭ سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بېغىدىكى ھەربىر تۈپ ياڭاق دەرىخى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىنغان. 5- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇزەپپەر ھەمدۇللا ئېگىز شاخنى چاتايدىغان قايچىنى كۆتۈرۈپ، ياڭاق دەرىخىنىڭ يېڭىدىن چىققان شاخلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن چاتاۋاتاتتى. ئۇ شاخاپ يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەككىز مو ياڭاقلىقىنى باشقۇرغاندىن باشقا، يەنە پۈتۈن يېزىدا تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. «ئىلمىي سۇغىرىش، ئوغۇتلاش ۋە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش ئارقىلىق بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ سەككىز مو ياڭاقلىقىدىن 18 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدۇق، ئىلگىرىكىدىن سەل ئاشتى.» مۇزەپپەر مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ياڭاقتىن ياخشى ھوسۇل ئېلىش ئىلمىي پەرۋىشتىن ئايرىلالمايدۇ».

شۈ لۇڭفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شاخاپ يېزىسى باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، باغۋەنلەرنى ئىلمىي تىكىش، ئىنچىكە پەرۋىش قىلىشقا يېتەكلەپ، ياڭاقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

چارباغ بازارلىق ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى مەمەتئېلى داۋۇت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى چارباغ بازىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر ئارىسىدىن 50تىن ئارتۇق دېھقان تېخنىكنى تەربىيەلەپ ھەم تەكلىپ قىلىپ، باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۈتۈن بازاردا ياڭاق چاتاش، سورتىنى ياخشىلاش ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. «مۇلازىمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىللە، باغ - ئورماننى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى تەدرىجىي ھەممە ئائىلىگە كېڭەيتىپ، ياڭاق ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىنىڭ ياڭاقنىڭ سۈپىتى ۋە ھوسۇل مىقدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.» مەمەتئېلى مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، مۇلازىمەت ئەترىتىگە 42 باغ - ئورمان تېخنىكى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ھەر 500 مو باغ - ئورمانغا بىردىن تېخنىك سەپلەش ئۆلچىمىگە يېتىپ، پۈتۈن بازارنىڭ باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى».