پارنىك تېرىقچىلىقى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

日期:2019年06月06日
来源:天山网
【字体:


شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، چىڭگىل ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ئوبائاغاش يېزىسى يورۇقنۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ يوڭ (سولدا) كەنت ئاھالىلىرىگە كۆكتات پەرۋىش قىلىش، ئاسراشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرمەكتە. بۇ خىزمەت ئەترىتى ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆكتات پارنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە بېيىش ئۈمىدىنى كۆرسەتتى. (ليۇ شىخې فوتوسى)

5-ئاينىڭ 26-كۈنى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى كۇچا ناھىيەسى خانىقاتام يېزىسى يېڭىتۇر كەنتىدىكى «بېيىش پارنىكى»دا لازىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ يىل، كۇچا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا بويىچە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى. نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيەدە «بېيىش پارنىكى» كۆلىمى 28 مىڭ 500 موغا يېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى. (نىياز راھمان فوتوسى)