شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش | تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن شال تېرىش  ئىككى سائەتتىلا 200 مو

日期:2024年04月25日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:


4-ئاينىڭ 22-كۈنى، كەچ سائەت 11دە، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ كېچىدە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق شاللىققا ئۇرۇقچاچماقتا.


4-ئاينىڭ 22-كۈنى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى 10 مىڭ مو شاللىققا ئۇرۇق چاچماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىر جۇ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى)4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرى يۇڭشىڭ كەنتىدە، شال تېرىقچىلىقى ئاھالىسى شيې فېيلۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «ئىككى سائەتتىلا 200 مو يەرگە شالتېرىپ بولدۇق، بۇنى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق»، دېدى. شيې فېيلۇڭ 3000 مودىن ئارتۇق شال تېرىدى، ئىلگىرى شال تېرىش پەسلى كەلگەندە، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر تەڭ ئاتلىنىپ، يەنە نەچچە ئون ئىشچى ياللاپ، ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تۈرۈپ مۇزدەك سۇ بار شاللىققا كېچىپ تۇرۇپ شال تېرىيتتى. بۇ يىل، ئۇنىڭ ئائىلىسى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن شال تېرىشقا باشلىدى.

«بۇلتۇر كەنتتە بەزىلەر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن شال تېرىغانىدى، مەن ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغانىدىم، نەتىجىدە باشقىلار تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن تېرىغان شالنىڭ تارقىلىشى تەكشى، زىچلىقىمۇ مۇۋاپىق بولۇپ، ۋاقىت، كۈچ ھەم پۇلتېجەپ قېلىنىپتۇ، شۇڭا مەنمۇ بۇ يىل تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن شال تېرىدىم، ئەمدى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر سۇكېچىپ ئىشلىمەيدىغان بولدۇق»،دېدى شيې فېيلۇڭ.


4-ئاينىڭ 22-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق شاللىق. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت).


4-ئاينىڭ 22-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق شاللىق. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەت).

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى 14 مىڭ مو شاللىقتا ئومۇميۈزلۈك تېرىقچىلىق باشلانغان بولۇپ، پۈتۈنلەي تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن ئۇرۇق چېچىش، ماشىنىلاشقان تېرىشقوللىنىلدى.مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل شالنىڭ مو بېشى ھۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك 700 كىلوگىرامدىن 900 كىلوگىرامغىچە بولۇپ، بىر مو يەردىن 700 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى 100 مىڭ مو يەرگە شال تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېڭى تېخنىكا، يېڭى جابدۇقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن تېرىش، كېسەللىك-ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى پائال يولغا قويغان.


4-ئاينىڭ 22-كۈنى،​ دېھقانلار ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا شال ئۇرۇقىنى تولۇقلاپ قاچىلىماقتا.


4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرىدىكى دېھقانلار چاچىدىغانشالئۇرۇقىنى تەكشۈرمەكتە.

«تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدابىۋاسىتە تېرىشنىڭ دەل ۋە تەكشى بولۇش، ۋاقىتنى، ئىشنى، تەننەرخنى تېجەپ قېلىش قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى بار، بىز يەنە شالنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك پەرۋىشىدىمۇ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن ئوغۇتلاش،كېسەللىك-ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشقاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچ قوشۇپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرىشىغا، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز»، دېدى ئاقسۇ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى راۋ سۈيتىڭ.