شاپتۇل چېچىكى ھۆپپىدە ئېچىلدى  دېھقانلار چېچەك شالاڭلىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

日期:2024年04月23日
来源:天山网
【字体:


4ـئاينىڭ 18ـكۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىكى 100 مولۇق توقاچ شاپتۇل بېغىدا، شاپتۇل چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، چىرايلىقھالرەڭ چېچەكلەر خۇش ھىدىنى ئەتراپقاچېچىپ تۇراتتى. دېھقانلار شاپتۇلھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شاپتۇل دەرىخىنىڭ چېچىكىنى شالاڭلىتىش، ئارتۇق شاخلىرىنى چاتاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. چىرايلىقچېچەكلەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلىش، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس باغ-ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى ھەم ساياھەتنى كەسىپ تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خېڭ خۇڭلى، ياڭ جىرۇڭ)


ساياھەتچىلەر توقاچ شاپتۇل بېغىدا سەيلە قىلماقتا.


ساياھەتچىلەر توقاچ شاپتۇل دەرىخى ئاستىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.