خوشۇتتا 140 مىڭ مو يەردىكى لازا مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى

日期:2024年04月12日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى لازا تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، قىزىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لازا تېرىقچىلىقىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ئاساسلىق يولغا ئايلاندۇردى. ھازىر، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، خوشۇت ناھىيەسىدىكى 140 مىڭ مو يەردىكى لازا مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرىنىڭ لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، لازا كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى توختىماي ئۆتۈشۈپ،لازا مايسىسى كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسىنىڭ «قوبۇل قىلىش-چىقىرىش»ى ئاستىدا، ئېتىزغا دەل جايىدا تىكىلدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىزدورلى، ياڭ جياجيا، دەي چېنرەن، گاۋ سۇرۇڭ)

لازا كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلماقتا. خوشۇت ناھىيەسى لازا تېرىش جەريانىدا مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىش، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇغىرىش-ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، مايسا يېتىشتۈرۈشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆچۈرۈپ تىكىشنى كۆلەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئېتىزغا كۆچۈرۈپ تىكىلگەن لازا مايسىلىرى كەڭ زېمىنغا بىر قەۋەت يېڭى يېشىللىق بېغىشلاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى ھاسىل قىلدى.