مارالبېشىدا ياخشى ئۆسكەن قىزىل لازا مايسىلىرى كەينى-كەينىدىن پارنىكتىن چىقتى

日期:2024年03月26日
来源:天山网
【字体:

​ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا مايسا يېتىشتۈرۈشنىڭ ياخشى پەيتى. 3-ئاينىڭ 19-كۈنى مارالبېشى ناھىيەسى فېڭخې يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى لازا مايسىلىرىنى توشۇماقتا، بۇ بىر تۈركۈم ياخشى ئۆسكەن لازا مايسىلىرى مارالبېشى ناھىيەسى ئاناركۆل يېزىسى دۆڭمەھەللە كەنتىگە توشۇلىدىغان بولۇپ، بۇ،كەنتنىڭ لازا كەسپىدىن مول ھوسۇل ئېلىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشىدىكى ياخشى باشلىنىش بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى كۈن نۇرى يېتەرلىك بولۇش ھەم مول بولغان سۇ-تۇپراق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كاڭ شۇگې

مارالبېشى ناھىيەسى فېڭخې يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، ئىشچىلار لازا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدىكى لازا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى