«ئېتىزدىن سېخقىچە»: پاختىكار ئەمەرجان ئىشچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى

日期:2024年03月21日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې

ئەمەرجان مەمەتنىڭ نەزەرىدە، كىچىك ۋاقتىدىكى دادىسىنىڭ كەينىدە يۈرۈپ تىراكتور بىلەن ھەپىلىشىشكە بولغان ھېرىسلىقى ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى كەسپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. «ئېتىزدىن سېخقىچە» بولغان خىزمەت تەجرىبىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تەدرىجىي ياخشىلىدى.

بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن ئەمەرجان شىنجاڭ شىخو شەھىرىنىڭ باشىسىخۇ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئىلگىرى سېپى ئۆزىدىن پاختىكار ئىدى. شىخو شەھىرى شىنجاڭدىكى تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، 1 مىليون 700 مىڭ مودىن ئارتۇق كېۋەزلىك بار بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئەڭ چوڭ كېۋەز تېرىش رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئەمەرجاننىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئۆينىڭ ئەتراپى كېۋەزلىك بولۇپ، ئاتا- ئانىسى كۈن بويى ئېتىزدا ئىشلەيتتى، 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان يىللىق كىرىمىنىڭ ھەممىسى ئاپئاق پاختىدىن كېلەتتى، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى.

«ئائىلىمىزنىڭ ئون مو كېۋەزلىكى بار ئىدى، ھەر يىلى 4- ئايدىن 10- ئايغىچە پۈتۈن زېھنىمنى كېۋەزلىككە قارىتاتتىم، بىر يىل ئالدىراش ئىشلىسەممۇ ھېچقانچە كۆپ پۇل تاپالمايتتىم». ئەمەرجان مۇنداق دېدى: ئۈچ بالام بارا- بارا چوڭايدى، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن، دېھقانچىلىقنىڭ بوش مەزگىلىدە يېقىن ئەتراپقا بېرىپ ئىشلەپ پۇل تاپاتتىم، خوتۇنۇم ئۆيدە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.

2015- يىلى، چىگىتلىك پاختىنى سېتىۋېلىش باھاسىدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئەمەرجان تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، يەنە 50 مو كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئالدى. «لېكىن بۇ يەرلەر تۇتاش ئەمەس بولۇپ، بەش يەردە ئىدى. پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئەكىرگىلى بولمايتتى، پاختا يىغىش ھەققى بىر مەھەل ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئىككى يۈەنگە ئۆسۈپ كەتتى، پۇل تاپالمايلا قالماستىن، ئىككى يىل تېرىغاندىن كېيىن يەنە 20 مىڭ يۈەن زىيان تارتتىم»، دېدى ئەمەرجان.

پاختىنى قولدا تېرىش ھەققى يىلدىن- يىلغا ئېشىپ، پاختىكارلارنىڭ زور بىر قىسىم پايدىسىنى يەپ كەتتى. شىنجاڭدىكى كەڭ پاختىچىلىق رايونلىرى پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كىرگۈزۈپ، پاختىنى قولدا تېرىشنىڭ ئورنىغا ماشىنا بىلەن يىغىشنى دەسسەتتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2015- يىلى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى پاختىچىلىق رايونلىرىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى 2000دىن ئېشىپ، پاختا يىغىش ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئېشىپ، كۆپ ساندىكى پاختىچىلىق رايونلىرىنىڭ پاختا يىغىش مەزگىلىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتقان.

پاختا يىغىش ماشىنىسى بازىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى پاختا يىغىش ماشىنىسى ياساش كارخانىلىرىنى زور سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئەمەرجان ئىشلەۋاتقان زاۋۇت پاختا يىغىش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىشنى يادرو قىلغان زامانىۋى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياساش كارخانىسى بولۇپ، باش ئىشتابى شىخو شەھىرىگە جايلاشقان.

ئەمەرجان 2017- يىلى 1- ئايدا بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىلىكىگە قوبۇل قىلىندى. «پاختا يىغىش ماشىنىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ماشىنا قارىماققا مۇرەككەپتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئاساسىي قائىدىسى مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا ھەيدىيەلەيدىغان تىراكتوردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، پەقەت نۇرغۇن زاپچاسلىرىلا كۆپەيدى»، دېدى ئۇ.

ئەمەرجان تۇرۇشلۇق گۇرۇپپىدا 21 ئادەم بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئىشچى- خىزمەتچى 17. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە شىركەتتە ئۇيغۇر مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، زاڭزۇ مىللىتى ۋە خەنزۇ مىللىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400دىن ئارتۇق خىزمەتچى بار ئىكەن.

ئەمەرجان بېرىلىپ تەتقىق قىلىش غەيرىتى بىلەن شىركەتنىڭ تېخنىكا ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئەمەرجان مۇنداق دېدى: بۇ ماھارەتكە تايىنىپ، 2019- يىلى پاختىدىن مول ھوسۇل ئالغاندا، شىركەت مېنى شايار ناھىيەسىگە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتتى، بۇ مېنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كېۋەزلىككە تۇنجى قېتىم كىرىشىم ئىدى.

«ھازىر كېۋەز تېرىشتا ئۆزگىرىش بەك چوڭ. ئادەمسىز تېرىلىدۇ، تېمىتىپ سۇغىرىلىدۇ، پاختا يىغىش ماشىنىسى بىۋاسىتە ئېتىزغا كىرىدۇ، پۈتۈن مۇساپىگە ھېچقانداق ئەمگەك كۈچى كەتمەيدۇ، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، بىر كىلوگىرام پاختا يىغىش تەننەرخى نەچچە موچەن بولىدۇ، كېۋەزنى مۇشۇنداق تېرىغاندا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ»، دېدى ئەمەرجان. شۇ يىلى ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

كىچىكىدىن باشلاپ كېۋەز بىلەن ھەپىلەشكەن ئەمەرجان پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ئەنئەنىۋى قولدا تېرىش، قولدا يىغىۋېلىشتىن ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىققا ئۆزگەرگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولدى. 2023- يىلى شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلى 5 مىليون 112 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، ئۇدا بەش يىل 5 مىليون توننىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىملاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىقىدا ماشىنىلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ قوللىنىلىش بارغانسېرى كېڭەيمەكتە، 2023- يىلى 7000گە يېقىن پاختا يىغىش ماشىنىسى ئىشقا سېلىنىپ، ماشىنىلاشقان پاختا يىغىش مەشغۇلاتى قانات يايدۇرۇلدى، پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %85تىن ئاشتى.

ئەمەرجان مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ھازىر دۆلىتىمىزدە ياسالغان پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، مەھسۇلات مىقدارى بارغانسېرى ئاشتى، تېخنىكىسىمۇ بارغانسېرى ئىلغارلاشتى. 2023- يىلى مېنىڭ قولۇمدىن ئۆتۈپ 400دىن ئارتۇق ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىلدى. «بۇ يىلى، مەن شايار ناھىيەسىدىكى بىر كېۋەزلىككە بېرىپ پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنى قىلدىم. خېرىدارلار ماڭا سىلەرنىڭ پاختا يىغىش ماشىناڭلار چەت ئەللەرنىڭكىدىنمۇ پاكىز يىغىدىكەن، دېدى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن بەك پەخىرلەندىم.»

پاختا يىغىش ماشىنىسى شىنجاڭنىڭ پاختا تېرىش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە، شۇنداقلا ئەمەرجاننىڭ تۇرمۇشىنى يېڭى بىر يولغا باشلىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى