شىنجاڭ فۇكاڭ شەھىرى چىيۈن كەنتى: كەنت ئاھالىسى ھويلىسىدا مىڭ دانە مېدۇزا باقتى

日期:2024年03月19日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

دېھقان ھويلىسىدا مىڭ دانە مېدۇزا باقتى

3-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى جۇيۇڭگەي بازىرى چىيۈن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاۋ مىڭلۇ ئۆز ھويلىسىدا مەنزىرە مېدۇزىلىرىغا يەم بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن 1000 دانە ئەتراپىدا مېدۇزا باقتىم، ھازىر مېدۇزا بېقىشتا تەجرىبەم بار بولدى، ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى».

جاۋ مىڭلۇ باققان مەنزىرە مېدۇزىسى(3-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان). لۇ خاۋنەنفوتوسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرى جۇيۇڭگەي بازىرى سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، تېخنىكا مۇلازىمىتى، مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش، رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كۆپ خىل تىپ، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇپ، دېھقانلارنىڭ «كىچىك ھويلىسى»نى كىرىمنى ئاشۇرىدىغان «بېيىش باغچىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

70 ياشقايېقىنلىشىپ قالغان جاۋ مىڭلۇ كەنتنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 2020-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن مەبلەغ توپلاپ، ئۆز ھويلىسىدا 280 كىۋادرات مېتىرلىق مەنزىرە مېدۇزىسى بېقىش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇردى.

جاۋ مىڭلۇ شەندۇڭ، خەينەن قاتارلىق جايلاردىن تاماشاقىممىتى يۇقىرى كىچىك مېدۇزىلارنى كىرگۈزۈپ، سىناق تەرىقىسىدە يېتىشتۈردى، مېدۇزىنىڭ يەككە بازاردىكى پارچە سېتىلىش باھاسى 30 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسلىقى كۇيتۇن، كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى بىر قانچە دېڭىز-ئوكيان سارايلىرىنى تەمىنلىدى.

جاۋ مىڭلۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن باققان مېدۇزىلارنىڭ ھەممىسى مەنزىرە مېدۇزىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايلىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق سۇ دېڭىز سۈيىگە تەقلىد قىلىنغان، سۇ، توك، پار ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق، مېدۇزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %90 ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ».

چىيۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەن دۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: «بىز كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كەنتنىڭ بىكار تۇرغان بايلىقىدىن پايدىلىنىپ خاس باقمىچىلىق، خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردۇق. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشىبېيىش ئويى بولسىلا، بىز خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، يېزا-كەنت ئىقتىسادىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇردۇق».

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى