كورلىدا گۈل-گىياھ پارنىكىدا گۈللەر ئارقا-ئارقىدىن پورەكلەپ ئېچىلدى

日期:2024年03月08日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، كورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى يېڭى مەھەللە كەنتىدىكى گۈل-گىياھ پارنىكىدا، قوغۇنگۈل، چاڭشوۋخۇا، ئەتىرگۈل قاتارلىق گۈل-گىياھلار ئارقا-ئارقىدىن پورەكلەپ ئېچىلدى. گۈلچى دېھقانلار سۇغىرىش، چاتاش، ئوغۇتلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرما لىجۈەن،ئايزۆھرەئايۇپ)

خېرىدارلار گۈل تاللىماقتا.

بۇ گۈل-گىياھپارنىكىدا 40 مىڭ تەشتەكتىن ئارتۇق گۈل-گىياھئۆستۈرۈلۈپ، 12 نەپەر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

گۈل-گىياھلارنىڭئۆسۈشىكىشىنى خۇشال قىلاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لەڭگەر يېزىسى ئىلمىي يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، «پارنىك ئىگىلىكى»نىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپ، كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى