مارالبېشىدا بازارغا سېلىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى ليەنخۇابەيدىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار

日期:2024年02月26日
来源:天山网
【字体:


2-ئاينىڭ 20-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسى كونا چوڭقۇرچاق كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا، ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ليەنخۇابەي پات ئارىدا بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چوڭقۇرچاق يېزىسى كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتات پارنىكى تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەر يىلى مايسا يېتىشتۈرۈشتىن پەرۋىش قىلىش باسقۇچىغىچە يېزىلىق دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتىنىڭ تېخنىك خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە پەرۋىش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئىختىيارىي مۇخبىرزۇلپىيە تۇرسۇن


كەنت ئاھالىسى ليەنخۇابەينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

كەنت ئاھالىلىرى پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرمەكتە.