​قار - مۇز بىلەن قاپلانغان باھار بايرىمى كەيپىياتى قويۇق بولدى

日期:2024年02月15日
来源:天山网
【字体:

قۇم كەنتى​

قار - مۇز بىلەن قاپلانغان باھار بايرىمى كەيپىياتى قويۇق بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

«قېلىن قار ياغقان بولسىمۇ، بىزنىڭ سەيلە - ساياھەت قىلىش كەيپىياتىمىزغا تەسىر يەتمىدى، بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، قارلىرىمۇ گۈزەل ئىكەن، مەن ئېسىل ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندىم، قارلىق دالىدىكى ئات بەيگىسىنى كۆردۈم، ئات سۆرەيدىغان چانىغا ئولتۇرغاندىكى خۇشاللىقنى ھېس قىلدىم، ناھايىتى خۇشال ئوينىدىم.» 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئۆزىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىنىڭ قۇم كەنتىدە باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش تەسىراتى ئۈستىدە توختالغاندا گۇاڭجوۋدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ چېن يەنىلا ناھايىتى ھاياجانلاندى.

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قاناس مەنزىرە رايونىدىكى قىسمەن ساياھەتچىلەر قېپقېلىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزدى، جاڭ چېن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىدا باھار بايرىمىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىر قاتار مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى تەييارلىدى.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمى ھارپىسىدا، يەمەگەيتې چوققىسىنىڭ ئېتىكىدىكى قار بىلەن قاپلانغان قۇم كەنتىدە ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا قىزىل پانۇسلار ئېسىلدى، مورىلاردىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلدى، كەنت شاد - خۇراملىق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

سەھەردە كەنت ئاھالىلىرى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ساياھەتچىلەر بىلەن ئۆزئارا بەخت تىلەشتى. ئات بەيگىسى، ئوقيا ئېتىش، قىز قۇۋار... شۇ كۈنى، بىر مەيدان «قۇمقاناستا ئەجدىھا پەرۋاز قىلدى، باياشات يىل بىرلىكتە تەبرىكلەندى» قىش شادلىقى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى، قۇم كەنتىدە باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشتى.

بىپايان قارلىق دالىدا، چەۋەندازلار قامچىلىرىنى ئوينىتىپ، ئارغىماقلىرىنى چاپتۇرۇپ، قېلىن قارلارنى توزۇتتى. شۇ كۈنى قۇم كەنتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بولسىمۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى يەنىلا يۇقىرى ئىدى، قار ئېتىشىپ ئويناش، قارلىق تاغقا يامىشىش، سىن ئېلىش... بەخت تىلەش سادالىرى، تەنتەنە سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

قۇم كەنتىدىكى 100 يىللىق كونا ئۆيلەردە، ساياھەتچىلەر كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئەتكەنچاي، قىمىز ئىچتى، «ئاتلىق مۇزىكا ئەترىتى» ئېيتقان ئەنئەنىۋى ئەلنەغمىلەرنى ئاڭلاپ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

«باھار بايرىمى مەزگىلىدە، قۇمقاناس مەنزىرە رايونىنىڭ بېلىتىنى زاكاز قىلىش سانى سىجىل ئاشتى.» قۇم كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بۇيۇنچىيىك مۇنداق تونۇشتۇردى: قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكى ۋە مەنزىرە رايونىنىڭ تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، ئىشىك بېلىتى زاكاز قىلىش سانىنى ئەمەلىي ۋاقىتقا قاراپ تەڭشىدى.

بۇيۇنچىيىك مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، «قىش پەسلىدە قۇمقاناسقا بېرىپ قاردىن ھۇزۇرلىنىش» ئۆزگىچە قار - مۇز ساياھىتى نام كارتىسىغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇم كەنتى خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى - ئىشلىرىنى زىمىستان قىش پەسلىگە سىڭدۈرۈپ، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. 2023 - يىلى قۇم كەنتىنىڭ كەنت كوللېكتىپ كىرىمى 4 مىليون 223 مىڭ 500 يۈەنگە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 45 مىڭ يۈەنگە يەتتى.