كوناشەھەر ناھىيەسىدە قىش كۈنلىرىدە پارنىكلاردىن گۈل-گىياھلارنىڭ خۇش ھىدى تارالدى

日期:2024年02月05日
来源:天山网
【字体:

2-ئاينىڭ 1-كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىغا جايلاشقان كوناشەھەر ناھىيەسى «خۇڭلياڭ» يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش بازىسىدا، پارنىكتىكى گۈل-گىياھ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، گۈللەرنىڭخۇش ھىدى ئەتراپنى قاپلىغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇلاقسۇ يېزىسى مەۋقەنى تەبىئىي بايلىق ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ، گۈل-گىياھ كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ شياۋلىڭ، تاشگۈل)

كەنت ئاھالىلىرى گۈل-گىياھلارنى كۆچۈرمەكتە.

خېرىدارلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان گۈللەرنى تاللىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى