غاز پېيىدەك ئاپئاق قار ياغار ئاستا لەپىلدەپ،
ئۆي ئەتراپى بىردەمدە ئاق لىباسقا پۈركۈنەر.
كىچىك دوستلار قار بوۋاي ياساپ ئوينار شادىمان،
ھەممە جايدا ياڭرايدۇ خۇشاللىقتا كۈلكىلەر.
(ئاپتور:گۈلپىيە ئەخمەت)
كۈزگە تېخى قانماستىن ئۇشتۇمتۇتلا كىردى قىش،
يوپۇرماقلار چۈشمەستىن ھەممە بولدى شادىمان.
ئۆتتى بىر يىل ئالدىراش، خۇشاللىقلار بەكمۇ كۆپ،
يۇرتىمىزدا ھەممە جاي بولدى ئاۋات گۈلىستان.
(ئاپتور:ئامانگۈل ئەخەت)
ياغدى لەپ-لەپ سېرىق قار، كەتتى سوۋۇپ ھاۋا ھەم،
ئارىسىدا ئورماننىڭ گۈزەل يۇرتۇم نۇرانە.
ئاپئاق-ئاپئاق پاختىلار كېۋەزلىكتە ئېچىلىپ،
ھەممە جايدا شاد ناخشا، بەخت قىلار تەنتەنە.
(ئاپتور:ئامانگۈل ئەخەت)
يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقان رەسساملاردىن ئامانگۈل ئەخەت، گۈلپىيە ئەخمەت رەڭدار، جۇلالىق مەنزىرىلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، قويۇق سەھرا پۇرىقىغا ئىگە رەسىم ئەسەرلىرى ئارقىلىق، يېزا-كەنتلەردە كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقانئۆزگىرىشلەرنى جانلىق، ئوبرازلىق نامايان قىلىپ بەردى.