يوپۇغىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

日期:2024年01月11日
来源:天山网
【字体:

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى كارخانىلار يىللىق نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، زاكازلارنى ئۈلگۈرتۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. يېقىندا، قەشقەر فېيچاڭشياڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچىلەر چىلان ئايرىپ، ئوراپ قاچىلىماقتا ئىدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلارئوبۇلقاسىم، نۇربىيە)

خىزمەتچىلەر مال قاچىلىماقتا. «شىنجاڭنىڭ ياخشى نەرسىلىرى قاچىلانغان چوڭ سوۋغات سومكىسى» باھار بايرىمىلىق سوۋغات قۇتىلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىدۇ، سوۋغات قۇتىلىرى ئىچىدەتوڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان چۈرۈك چىلان، توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان چۈرۈك ئەنجۈر قاتارلىق بۇ شىركەت ئاچقان توردا ئالقىشلانغان مەھسۇلاتلار بار.

خىزمەتچىلەر مەھسۇلاتلارنى يۆتكىمەكتە. 2023-يىلى، بۇ شىركەت جەمئىي پىششىقلىغانيېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى جەمئىي 1750 توننا بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 20 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى