قىش كۈنلىرىدە، يېڭىسارنىڭ بۇ كەنتىدە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى «ھاياتىي كۈچكە تولدى»

日期:2024年01月08日
来源:天山网
【字体:

سىرتنى قەھرىتان سوغۇق قاپلىدى، پارنىك ئىچى «باھار مەنزىرىسى» بىلەن تولدى. بۇ ئىككى كۈندە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ شەھەر يېزىسى قاشئېرىق كەنتىدىكى پارنىكلاردا تۈرلۈك كۆكتات، مېۋە-چىۋە، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىياخشى بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى. يېقىندا، قاشئېرىق كەنتىدىكى جىشياڭ رۇيى بۆلجۈرگەن، مېۋە-چېۋە ئۈزۈش باغچىسىدا، قىپقىزىل بۆلجۈرگەنلەر ياپيېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر ئەمدىلا ئۈزگەن بۆلجۈرگەننى تېتىپ كۆرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر ئابدۇۋەلى،تيەن ياليەن)

يېقىندا، قاشئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەزرەتئەلى ئابباس(ئوڭدا)نىڭ گۈل-گىياھ پارنىكىدا، 100 خىلدىن ئارتۇق گۈل-گىياھ بەس-بەستە ئېچىلغان بولۇپ، ئادەم كۆرۈپ قانمايتتى. ئۇ دادىسى بىلەن گۈل-گىياھلارنىڭ كۆچەتلىرىنىپەرۋىش قىلىپ، باھار بايرىمىلىقسېتىشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىدى.

كەنت كادىرلىرى(سولدا) گۈل-گىياھ پارنىكىغا بېرىپ گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش، سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى