«پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى + ئۇرۇق ئىشلەش كارخانىسى» ئەندىزىسى ماناسنىڭ قوناق «ئۆزىكى»نى كۈچەيتتى

日期:2023年12月29日
来源:天山网
【字体:

ئۇرۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى قوناق ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى پائال يېتىشتۈرۈپ، بازا قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، «پەن تەتقىقات ئورنى + ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش كارخانىسى» ئورتاق تەتقىق قىلىدىغان، ئورتاق يېڭىلىق يارىتىدىغان بىرلەشمە ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ماناس يېزا ئىگىلىك تەجرىبە پونكىتىدا، تېخنىكلار قوناق ئۇرۇقىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى، بىخلىنىش نىسبىتى، سۇ تەركىبى قاتارلىق 1515 پارچە ئۇچۇرنى رەتلەپ توپلاپ، ماناس ناھىيەسىنىڭ ئۇرۇقلۇق قوناق يېتىشتۈرۈش كەسپى ئۈچۈن مەنبە ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلىدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۈ ۋەنلى)

شىنجاڭخاۋرىزى ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار قوناق ئۇرۇقىنى ئىنچىكە تاللاپ، يۆگەپ، ئوراپ قاچىلىماقتا، ھەر كۈنى بۇ زاۋۇت ئۆيىدىن چىقىدىغان قوناق ئۇرۇقىلانەچچە ئون توننىغا يېتىدۇ. بۇ شىركەت قوناقنىڭ ئەلا سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشنى ئاساس قىلدى ھەمدە تەكشۈرۈش-ئۆلچەش مەركىزى قۇردى.

پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۇرۇقلۇق قوناقنىڭ بىخلىنىش نىسبىتى بويىچە سىناقئېلىپ بارماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى