پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن مېۋە، كۆكتاتلار «ئۈزۈش ئىقتىسادى»نى قىزىتتى

日期:2023年12月29日
来源:天山网
【字体:

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى دەل جايىدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆكتات پارنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى. 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسى يۆتاڭ كەنتى يېزا ئىگىلىك كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ ساۋمېي ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، ئەتلىكساۋمېيلار يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا بەزىسى كۆرۈنۈپ، بەزىسى يوشۇرۇنۇپ تۇراتتى، ئىللىق، نەم ھاۋادىن قويۇق بۆلجۈرگەن پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلاتتى. ساياھەتچىلەر سېۋەتنى كۆتۈرگىنىچەكۆڭۈل قويۇپ بۆلجۈرگەن تاللاۋاتقان بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا تولغانمول-ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار تۇرسۇن ئوسمان، خوۋ شيەنۋېي، ما شياۋنىڭ)

بۇ پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ساۋمېي سورتلىرىدىن خۇڭيەن، يۆشيۇ، جاڭجى قاتارلىقلار بار. سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر سۈرەتكە تارتىپ ساۋمېي ئۈزگەن گۈزەل پەيتلىرىدىن خاتىرە قالدۇرماقتا.

يۆتاڭ كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنى يەرنى ئوبوروت قىلىش، بىكار تۇرغان يەرلەرنى رەتلەشكە يېتەكلەش ئارقىلىق، يېڭىدىن يېزا ئىگىلىك كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇپ، ئۆلچەملەشكەن 22 پارنىك ياساپ، خاس مېۋە-كۆكتات كەسپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى