​14 يىل كۆچەت تىكىپ، قۇم دېڭىزىنى چىلانلىققا ئايلاندۇردى

日期:2023年12月24日
来源:天山网
【字体:

لى پېڭ:

​14 يىل كۆچەت تىكىپ، قۇم دېڭىزىنى چىلانلىققا ئايلاندۇردى

قىش كۈنلىرىدىكى ئەتىگەندە، چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى ئارىش كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ قۇملۇق چىلانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، ئىشچىلارنىڭ بەزىلىرى يۇيۇش، قۇرۇتۇشقا مەسئۇل بولسا، بەزىلىرى جىڭلاپ خالتىغا قاچىلاشقا مەسئۇل ئىدى، بەزىلىرى ئوراپ ساندۇققا قاچىلاشقا مەسئۇل ئىدى... «يېڭى كىيىم كىيگەن» چىلانلار ئۇلارنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ، پات ئارىدا بازارغا يۈزلىنىدۇ.

ئارىش كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ «3 - نومۇرلۇق شامال ئېغىزى»نىڭ ئەڭ ئالدىنقى گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، يىل بويى قۇرغاق، سۇ كەمچىل، قۇم - بوران چىقىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، قۇم دېڭىزىدا بىر چىلانلىق كۆپەيدى، بۇنىڭ بىلەن ئارىش كەنتى 11 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بولۇپ باھالاندى.

ئەگەر ئىلگىرىكى قۇم دېڭىزىنى كىم چىلانلىققا ئۆزگەرتتى؟ دەپ سورالسا ئارىش كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىردەك: «لى پېڭ!» دەيدۇ.

كەسىپنى تېخىمۇ كۈچەيتىش

«بۇ يىل، شىركىتىمىزنىڭ 1300 مو يەردىكى چىلىنىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 300 توننىدىن ئاشتى، نۆۋەتتە ھەممىسى سېتىلىپ تۈگىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، شىركىتىمىز يەنە ئالما، شاپتۇل، ئۆرۈك قاتارلىق خاس مېۋە - چېۋىلەرنى يېتىشتۈردى...» 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىنجاڭ قۇملۇق چىلانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 72 ياشلىق باش مۇدىرى لى پېڭ بۇ يىللىق ئەھۋالنى تونۇشتۇردى.

لى پېڭنىڭ نۇرغۇن سالاھىيىتى بار: «قۇملۇقتا چىلان ئۆستۈرگۈچى» «ياخشى لوبەن» «ئىشلەپچىقىرىش كىچىك ئەترىتىنىڭ باشلىقى»... ھالبۇكى ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم بىلىدىغىنى، يەنىلا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى.

«كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئېغىزدىلا دەپ قويسا بولمايدۇ، بەلكى ئالدىدا مېڭىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاممىنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلىشى كېرەك.» لى پېڭ شۇنداق دېدى، ھەم شۇنداق قىلدى.

بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، لى پېڭ ئۆزى مەبلەغ جۇغلاپ، چوڭ يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، قارا ياڭاق، باراقسان توغراق قاتارلىق يېڭى سورتلارنى كىرگۈزدى. ئورمانچىلىق ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ يېڭى سورتلۇق ئوت - چۆپ كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ تېرىپ، ئورمانلىقتا ئۆستۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، ھەم شىنجاڭ ئىچى، شىنجاڭ سىرتىدىكى باغۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى كۆپ قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئەتراپتىكى پۇقرالارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

«كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتقاندىلا، چىلان كەسپى ئاندىن تەرەققىي قىلىپ زورىيالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان بۇ ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ.» لى پېڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى بىلەن، 50 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ئىھاتە ئورمان، 800 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق چىلان دەرىخى ئارىش كەنتىدىكى سېرىق قۇملۇقنىڭ ئورنىنى ئالدى، چىلان كەسپى جانلاندى. لى پېڭمۇ مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئۆزىنى بېغىشلاش مۇكاپاتى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس، 7 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق باشقىلارغا يادەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش نەمۇنىچىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەرەپكە ئېرىشتى.

ماركىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش

ئارىش كەنتىدىكى 14 يىلدا، لى پېڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، يۇرتداشلارنىڭ سەمىمىيلىكى، ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ يەردە يىلتىز تارتىش ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

كەنت ئاھالىسى گۆھەرنىساخان مەمتىمىن لى پېڭغا ئەگىشىپ چىلان ئۆستۈرۈشتىكى نۇرغۇن تېخنىكىنى ئۆگىنىۋالدى، ھازىر 300 مو چىلان كۆچىتى تىكىپ، ئارىش كەنتىدىكى خېلى نامى بار چىلان ئۆستۈرۈش چوڭ ئاھالىسى بولۇپ قالدى. ئەلا سۈپەتلىك كۈل رەڭ چىلاننى ئۇلاش، چېچەكلەش مەزگىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە شاخلىرىنى پۇتاپ بىخلىرىنى ئېلىۋېتىش... چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى تىلغا ئېلىنغاندا، 47 ياشلىق گۆھەرنىساخان ئورۇنلۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر، چىلاننى 800 مىڭ يۈەنگە ساتتىم. بۇ يىل، سودىگەرلەر بىۋاسىتە قۇرۇتۇش مەيدانىغا كېلىپ زاكاز قىلدى، كۆپ قىسمىنى شىنجاڭ سىرتىغا ساتتىم».

2018 - يىلى كۈزدە، لى پېڭنىڭ شىركىتى ئارىش كەنتىدە 10 مىڭ توننىلىق چىلان دەسلەپكى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، چىلاننىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ شىركەت چىلان بوتقىسى، چىلان قىيامى، توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان چىلان ياپراقچىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك چىلان تالقىنى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى ئىجادىي تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، «شاتيەنخۇڭ» «ئارىش» «قۇملۇقتا چىلان ئۆستۈرگۈچى» قاتارلىق ماركىلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، رايون خاس چىلان كەسىپ توپىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

«مەن قالغان ئۆمرۈمنى بۇ جايغا بېغىشلاپ، كۆپچىلىكنى كەسىپ ئارقىلىق بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، چىلاندىنمۇ شېرىن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن» دېدى لى پېڭ.

كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ بېيىتىش

2009 - يىلى، لى پېڭ پېنسىيەگە چىقتى، بىراق ئۇ كېيىنكى ئۆمرىنى مۇشۇنداقلا ئۆتكۈزۈشنى خالىمىدى. «ھازىر سالامەتلىكىم ھەر ھالدا ياخشى، يەنە جەمئىيەت ئۈچۈن ئاز - تولا ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن» دېدى ئۇ ئويلىنىپ تۇرۇپ.

شۇ يىلى، ئۇ ئۆي - جايىنى سېتىۋېتىپ، بارلىق بىساتىنى ئېلىپ، ئۆزى يالغۇز ئارىش كەنتىگە كېلىپ، شۇ ئىشلىگەنچە 14 يىل ئىشلىدى.

لى پېڭ ئارىش كەنتىگە دەسلەپ كەلگەندە، ئۇيغۇر تىلىدا ئانچە راۋان سۆزلىيەلمەيتتى، بۇ يەردە قۇم بارخانلىرىنى تۈزلەپ ئاق تېرەك ئۆستۈردى، تۇپراقنى ياخشىلاپ چىلان كۆچىتى تىكتى، ئۇ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن 400 مو قۇملۇقتا ئۈچ يىل ئىشلەپ، قۇملۇقنىڭ «مىجەزى»نى تەدرىجىي ئىگىلىدى، شۇنداقلا يەرنى ياخشىلاپ كۆچەت تىكىدىغان ئېتىز بەرپا قىلدى.

چىلانلىق بەرپا قىلىشنىڭ دەسلىپىدە، ئارىش كەنتىدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كېلىپ ئىشلەپ، ئوت ئوتاش، دەرەخ شاخلىرىنى پۇتاش، چىلان يىغىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلدى، بارا - بارا «قۇملۇقتىن ئالتۇن ئېلىنغانلىقى»نى كۆرۈپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىدە يەنە چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش ئويى پەيدا بولدى، لى پېڭ ئۇلارغا چىلان ئۆستۈرۈش، ئوغۇتلاش، چاتاش، ئۇلاش، كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.

2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لى پېڭ ئارىش كەنتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۆزىنىڭ 2000 مو چىلانلىقىغا تايىنىپ، چىرا ناھىيەسى جىخۇي مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، بۇ كەنتتىكى 100 كەنت ئاھالىسىنى كوپىراتىپقا قوبۇل قىلدى، ئۇلار ئايدا كىشى بېشىغا 3000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى.

لى پېڭنىڭ ياردەم بېرىشى، يېتەكلىشىدە، ئارىش كەنتىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 6000 مودىن كۆپرەككە يېتىپ، چىلان ئۆستۈرۈش كىرىمى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %90ىنى ئىگىلىدى. 2022 - يىلى، ئارىش كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 15 مىڭ 124 يۈەن بولۇپ، 2009 - يىلىدىكىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە يېقىنلاشتى.