جىڭ ناھىيەسى: قىشتا دېھقانلار پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن ئالدىراش بولدى

日期:2023年12月14日
来源:天山网
【字体:

12-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى دۇڭجۇاڭ كەنتىدىكى پارنىكتا، لازا، شوخلىلارنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇڭجۇاڭ كەنتى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «پارنىك ئىگىلىكى»نى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «يېڭى موتور»غا ئايلاندۇردى. ھازىر، دۇڭجۇاڭ كەنتىدە جەمئىي ئۈچ گۈل-گىياھ پارنىكى، 10 ئۈزۈم پارنىكى ۋە 146 كۆكتات پارنىكى بار. (ئىختىيارىي مۇخبىرلارۋۇ يەنجى،ئاينۇر بەكراخۇن)

كەنت ئاھالىلىرى پىشقان لازىلارنى ئۈزمەكتە.

كەنت ئاھالىسى ئەمدىلا ئۈزگەن شوخلىلارنى كۆرسەتمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى