كېرىيە: نىلۇپەر چىنىسىنى ئۈزۈش، نىلۇپەر ئۇرۇقىنى چىقىرىۋىلىش بېيىش يولىغا تۇتاشتۇردى

日期:2023年11月22日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ باشلىرىدا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يېڭىباغ يېزىسى ئاياغ لەمپە كەنتىدىكى 70 مودىن ئارتۇق نىلۇپەر چىنىسى ئۈزۈش پەسلىگە كىردى. كەنت ئاھالىلىرى نېلۇپەر چىنىسىنى ئۈزۈش، نېلۇپەر ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يىل يېڭىباغ يېزىسى 110 مودىن ئارتۇق يەرگە نېلۇپەر ئۆستۈرۈپ، ھوسۇل قىممىتىنى 1 مىليون 330 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشمۆلچەرلەندى. كەنت ئاھالىلىرى نېلۇپەر چىنىسىنى ئۈزۈۋالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم يېڭى نېلۇپەر چىنىسىنى بازارغا ئاپىرىپ ساتىدۇ، ئېشىپ قالغىنىدىن كەنت ئاھالىلىرى نىلۇپەرنىڭ ئۇرۇقىنى چىقىرىۋېلىپ، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا ساتىدۇ.

(ئىختىيارىي مۇخبىر رىزۋانگۈل مەمەتجان، تۇرسۇنگۈل ساۋۇت)

نىلۇپەر چىنىسى ۋە نىلۇپەر ئۇرۇقى يېمەكلىك، گىرىم بۇيۇملىرى، تېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.

كەنت ئاھالىلىرى ئەمدىلا ئۈزگەن نىلۇپەر چىنىسىنى كۆرسەتمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى