چاپچال: كۈزگى بۇغداينى «سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بويىچە سۇغىرىپ، قىشتىن ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلدى

日期:2023年11月07日
来源:天山网
【字体:

  11-ئاينىڭ 1-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ جاغىستاي بازىرى باقىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى كۈزگى بۇغداي تېرىقچىلىق بازىسىدا «سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بويىچە سۇغىرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا. ھازىر، باقىت كەنتىدىكى كۈزگى بۇغداي تېرىش بازىسىدا تېرىلغان بۇغداي مايسىلىرى تەكشى، يىلتىزى جانلىق، يوپۇرماقلىرى قېنىق يېشىل ئۆسكەن. بۇ يىل بۇ ناھىيە 345 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي تېرىغان بولۇپ، ھازىر 290 مىڭ مو يەرنى «سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بويىچە سۇغىرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توڭ ياتقۇزۇش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملىنىدىكەن. (ئىختىيارىي مۇخبىرخۇا يەنمىڭ)

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي بازىرى باقىت كەنتىدىكى تېمىتىپ سۇغىرىشكونترول ئۆيىدە سۇ قويۇپ بېرىش دىسكىسىدا مەشغۇلات قىلىپ، كۈزگى بۇغداينى سۇغىرىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي بازىرى باقىت كەنتىدىكى كۈزگى بۇغداي تېرىقچىلىق بازىسىدا تېرىلغان تەكشى، يىلتىزى جانلىق، يوپۇرماقلىرى قېنىق يېشىل ئۆسكەن بۇغداي مايسىلىرى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى