كۈز قۇياشى پارلاپ، قۇرۇلۇش ئالدىراشچىلىققا تولدى

日期:2023年11月07日
来源:天山网
【字体:

10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىشچىلار لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭدىن ئالاتاۋغىچە بولغان بۆلىكىدە2-لىنىيەنىكېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يۈك ساندۇقىنى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىسكىلاتى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا رېلىس ياتقۇزماقتا. نۆۋەتتە، بۇ قۇرۇلۇشتا لايىھەلەنگەن ئومۇمىي مىقدارنىڭ %73.85ى تاماملاندى.

يۈسۈپ غېنى فوتوسى

10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىشچىلار ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى تەۋەسىدىكى شەھەر ئايلانمىسىدىكىتۆپىلىك يەر ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئايلانمىسىدىكى تۆپىلىك يەر ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى 2022-يىلى 8-ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئاقسۇ دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى «تاغ، دەريا قۇرۇلۇشى» تۈرىنىڭ بىرى، ھازىر قۇرۇلۇش ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ %60ى تاماملاندى.

ئېزىز سامساق فوتوسى

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىشچىلار قۇتۇبى ناھىيەسى X146 لىنىيەسىنىڭ قۇتۇبى-چۇرگۇلتاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى (2-قارارلىق) شىگوۋچوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىداقۇرۇلۇش قىلماقتا. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىشچىلار قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان چىڭديەن كىرېمنىي كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت كرېمنىيئاساس قىلىنغان ئۈلگە كۆرسىتىش كەسىپلەر باغچىسىدا ئۈسكۈنىلەرنى ئېسىپ قۇراشتۇرماقتا. ھازىر، بۇ شىركەتنىڭ يىلىغا 60 گىگاۋاتلىق يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسىنى يالپاقلاش 1-قارارلىق 10 گىگاۋاتلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تاماملىنىپ، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش، سىناش باسقۇچىغا كىردى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىشچىلار كۈنەس ناھىيەسىگە جايلاشقان ئىلى لۈفېڭ پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرماقتا. بۇ تۈردە بۇ يىل 8-ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ، 2025-يىلى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ پولات-تۆمۈر كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولىدۇ.

جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

خوتەن 350000 × 2 كىلوۋاتلىق ئىسسىقلىق ئېلېكتىر بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى (10-ئاينىڭ 31-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).بۇ تۈرگە 3 مىليارد 372 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق تۈر ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېلېكتىر تورىنى تىرەك توك مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

كۈز قۇياشى پارلاپ چىقىپ، ئالتۇن كۈزنىڭ مەيىن شامىلى، سەھەردىكى شەبنەمكىشىگە خوپ ياقتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ھەرقايسى قۇرۇلۇش تۈرىئىش مەيدانلىرىدا، قۇرۇلۇشچىلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلەرنى بالدۇر تاماملاش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈشكەپۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

قاتتىق تاغ جىنىسلىرىنى قېزىش ماشىنىسى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگەبىر سۇڭدىن بىر سۇڭدىنقېزىپ كىرىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان تىيانشان تونېلىنى ئاچتى؛ ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسى بىتوننى ئارىلاشتۇرۇپچىقىرىپ، تاغ ئىچكىرىسىدىكى جىلغىدائېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانتوسمىغا قويدى، بېتون ئارقىلىق تاغلىق رايوندىكىكەلكۈنتوسۇلۇپ، كەلكۈندىن كونترول قىلىپ پايدىلىنىلدى؛قېنىق كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى بىپايان چۆللۈكتىكى يورۇقلۇق ۋولت تىرىكىگە بىرتۇتاش مەركەزلىك ئورنىتىلغان بولۇپ، مول قۇياش ئېنېرگىيەسىئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى... كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇشتەك ياخشى پەيتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى، سانائەتكە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشلىرى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەمەلىي تۈر ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى ئارقىلىق سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تىرەك بولدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭتۇراقلىق مۇلۈك سېلىنمائومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى. ئاپتونوم رايون ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنى پۇختا تۇتۇپ، تىزىملىكلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، تۈگۈن شەكلىدە ئالغا سىلجىتىشنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنىسېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقاسەپەرۋەر قىلىپ،ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى سېلىنمىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان شامال ئېلېكتىر يۇرۇقلۇقۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە تېزدىن ئىش باشلاشنى ئالغا سىلجىتىپ،كۆلىمى چوڭ، تۈرتكىلىك خاراكتېرىكۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ تۈرلەردە داۋاملىق يېڭىدىن ئىش باشلاپ، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈنئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى