سانجى شەھىرى: بېيىشتىكى «بايلىق پارنىكى» قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىشچىلار سانجى شەھىرى ئاشلى يېزىسى ئاۋېيتەن كەنتى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا. بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇش مەزمۇنى ئاساسلىقى يېڭىدىن يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش پارنىكى، زەمبۇرۇغ خالتىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخى ۋە قوشۇمچە ئۆي قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى بۇ يىل 7-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

(ئىختىيارىي مۇخبىر تاۋ ۋېيمىڭ)

بۇ تۈر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تايىنىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ.


ئىشچى تېرىقچىلىق پارنىكىنىڭ ئۆگزىسىدە قۇرۇلۇش قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى