شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ھەر بىر مو يەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى سەككىز يىلدا %20 ئازايدى

日期:2023年10月25日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى)10- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى مارالبېشى ناھىيەسىدە ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان سەككىز يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ھەر بىر مو يەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ مىقدارى تەخمىنەن%20 تۆۋەنلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقان.

10- ئاينىڭ 23- كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزىسى بەشتۆپە كەنتىدە تېخنىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسرىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش كۆلىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ھېسابلاش يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرگەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 89 ناھىيە (شەھەر، رايون) يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى تولۇق تاماملاپ، دېھقانلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەدرىجىي قۇرغان ھەم مۇكەممەللەشتۈرگەن، ئىسلاھاتقا چېتىلىدىغان 57 ناھىيە (شەھەر، رايون) دەل جايىدا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە سۇ تېجىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسىنى يولغا قويغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا سۇغا چېتىشلىق ئىقتىسادىي ئاساس ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلانغان، يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەسلەپكى سۇ ھوقۇقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، دېھقانلارنىڭ سۇ تېجەش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن، يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرغان.

مۆلچەرلىمە ھېسابلىنىشىچە، 2015- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىز سۇغىرىش سۈيىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتى 0.512دىن 0.573كە كۆتىرىلىپ، %12 ئاشقان؛ دېھقانلارنىڭ سۇ ھەققى چىقىمىنىڭ يېزا ئىگىلىك كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %6.9تىن %5.9كە تۆۋەنلىگەن؛ يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش نىسبىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلمۇيىل تۆۋەنلەپ، %95تىن %91كە چۈشكەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىدا باسقۇچلۇق ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن.