جىڭ ناھىيەسىدىكى 897 مىڭ مو پاختا يىغىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى

日期:2023年10月09日
来源:天山网
【字体:

ئالتۇن كۈز10-ئايدا، جىڭ ناھىيەسىدىكى 897 مىڭ مو پاختا ئارقا-ئارقىدىن يىغىش مەزگىلىگە كىردى، ھەر قايسى يېزا-بازار، مەيدانلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، پاختا تېرىش ماشىنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېتىزغا كىرىپ ھوسۇل ئېلىشقا باشلىدى، كېۋەزلىكلەردە مول ھوسۇل ئالدىراشچىلىقىغا تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

10-ئاينىڭ باشلىرىدا، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى قار تۆرە كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئاھالىسى جاڭ جياڭپىڭنىڭ كېۋەزلىكىدە، كەڭ كەتكەن ئېتىزلىقتا پاختىلار ئاپئاق قارغا ئوخشاپ قالغانىدى، ماشىنىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، پاختا يىغىش ماشىنىلىرى كېۋەزلىكتە موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. «بۇ يىل 650 مو يەرگە كېۋەز تېرىدىم، ئىككى ماشىنىدا بىرلا ۋاقىتتا يىغدىم، ھەر كۈنى 300 مو ئەتراپىدا يىغدىم، ئۈچ كۈندە يىغىپ بولىدىغان ئوخشايمەن.» دېدى جاڭ جياڭپىڭ.

جاڭ جياڭپىڭ قار تۆرە كەنتىدىكى كېۋەز تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى، ئۇنىڭ كېۋەز تېرىۋاتقىنىغا 22 يىل بولدى، ئۇ دەسلەپتە ھۆددىگە ئالغان 40 مو يەردىن ھازىرقى 650 مو يەرگە تەرەققىي قىلدى. بۇ يىل ئۇ پاختا يىغىش ماشىنىسىنى تاللاشتا تايلاش شەكلىدىكى پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ، پاختا سورتىنى تاللاشتا «شىنلۇزاۋ 63-نومۇر»نى تاللىدى. ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ۋە ماشىنىلاشقان تېرىش، يىغىش نەتىجىسىدە پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ يىل پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 450 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، پايدىسىمۇ يامان ئەمەس بولغىدەك.» دېدى جاڭ جياڭپىڭ.

سورت تاللاش كېۋەزدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» بويىچە كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىپ، پەرۋىش قىلىش ئەندىزىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، «تەننەرخنى تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» جەھەتتە ئۈزلۈكسىز كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، پۈتكۈلپاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.

جىڭ ناھىيەسىماندان يېزىسى يېزا ئىگىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇڭ يىچۈن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ماندان يېزىسى بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، <كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى> خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخنىكلارنى تەشكىللەپ، پاختا يىغىش، توشۇش، سېتىش، بىخەتەرلىك قاتارلىق ھالقىلاردا مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، پاختىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىغىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى».

ئىگىلىنىشىچە، جىڭ ناھىيەسى ھازىرغىچە 198 پاختا يىغىش ماشىنىسى تەييارلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 25 تايلاش ماشىنىسى، 173 پاختا تېرىش ماشىنىسى بار بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 897 مىڭ مو يەردىكى پاختىنى يىغىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق يىغىش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن.