100 توننىدىن ئارتۇق ئېكولوگىيە قىسقۇچپاقىسىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇۋاتىدۇ

日期:2023年10月05日
来源:天山网
【字体:

ماناس ناھىيەسىنىڭ گۇاڭدۇڭدى يېزىسىدا:

100 توننىدىن ئارتۇق ئېكولوگىيە قىسقۇچپاقىسىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇۋاتىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ كەي

10 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، ماناس ناھىيەسىنىڭ گۇاڭدۇڭدى يېزىسى شياۋخەيزى كەنتىدىكى قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق ئائىلىسى ساڭ شاۋشېڭ ئەر ـ خوتۇن شۇ كۈندىكى تۇنجى قېتىملىق تورنى يىغىپ قىسقۇچپاقا تۇتۇشنى باشلىدى، بۇ، بايرامدىن بۇرۇن قىسقۇچپاقا زاكاز قىلغان سودىگەرلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىدى.

«جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆيىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا قىسقۇچپاقا زاكاز قىلغان، بەزىلىرى بىر ھەپتە بۇرۇنلا زاكاز قىلغان» دېدى ساڭ شاۋشېڭ.

مول ھوسۇللۇق مەزگىل دەل قىسقۇچپاقىنىڭ ئەڭ يېيىشلىك ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى دەل قىسقۇچپاقا تۇتىدىغان ياخشى ۋاقىت. ساڭ شاۋشېڭ قولىدىكى ئىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. بۇ يىل، ئۇ باققان 120 مو كۆلدىكى ئېكولوگىيە قىسقۇچپاقىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى.

ئەتىگەندە 1 ـ تۈركۈمدە ئالدىن مال ئالغىلى كەلگەن خېرىدارلارنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، ساڭ شاۋشېڭ سۇ يۈزىدە قېيىق ھەيدەپ قىسقۇچپاقىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. كۆل يۈزى ئوت ـ چۆپلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى، تۆت ئەتراپى يېشىل سىم تور بىلەن ئورالغان بولۇپ، سىم تورنى بويلاپ يۇقىرىغا يامىشىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بەزى قىسقۇچپاقىلار ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپلا دەرھال سۇ ئوتلىرى ئارىسىغا كىرىپ كېتەتتى.

«ھەر يىلى 4 ـ ئايدا قىسقۇچپاقا قۇمچاقلىرىنى سۇغا قويۇپ بېرىمەن، 9 ـ، 10 ـ ئايلاردا بىراقلا بازارغا سالىمىز. ھازىر، بۇ يەردىكى قىسقۇچپاقىلارنى كۈندە سېتىۋالىدىغانلار بار، بۇنىڭ بىر قىسمى يەنە شاڭخەي، شېنجېن، فۇجيەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، بۇ يەردىكى قىسقۇچپاقىلار ئېكولوگىيە قىسقۇچپاقىسى بولغاچقا، يېڭى ھەم تەملىك» دېدى ساڭ شاۋشېڭ.

قۇياش كۆتۈرۈلۈپ، تاڭ شەپىقى قىسقۇچپاقا كۆلچىكىدە ئەكس ئەتتى، سۇ يۈزى قۇياش نۇرىدا جىمىرلاپ تۇراتتى. ساڭ شاۋشېڭنىڭ خوتۇنى لى خۇەنشياڭ قىسقۇچپاقا يەيدىغان قوناق، سېرىق پۇرچاقلارنى پىشۇرۇپ، قىسقۇچپاقىلارنى تويغۇدەك ئوزۇقلاندۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى.

ساڭ شاۋشېڭ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يەردىكى قىسقۇچپاقىلار تىيانشان قار سۈيىدە بېقىلىدۇ، قىسقۇچپاقا قۇمچاقلىرىنىڭ ھەممىسى سۇغا قويۇپ بېرىش، بېقىشتىن تارتىپ يېتىلگۈچە تەبىئىي چوڭىيىدۇ، بىز ھەر كۈنى كۆممىقوناق، سېرىق پۇرچاق، بۇغداي ھەمدە بېلىق ۋە شياۋتيەنلۇ بېرىپ باقىمىز، بىز باققان قىسقۇچپاقىلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، ئەڭ چوڭىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 350 گىرام كېلىدۇ».

«كېمىمىز يولغا چىقتى!» ساڭ شاۋشېڭ پالاقنى ئۇردى، كېمە سۇ يۈزىدە ئالغا ئىلگىرىلىدى. لى خۇەنشياڭ خۇددى پەرىزات گۈل بەرگىلىرىنى چاچقاندەك، ھەربىر تال قوناقنى سۇ يۈزىگە تەكشى چاچتى. بىراق قىسقۇچپاقىلار يېتىرقىغاندەك سۇدىكى ئوت ـ چۆپلەر ئارىسىغا مۆكۈۋېلىپ چىققىلى ئۇنىمىدى، يۈرەكلىكرەك بىرنەچچىسى بەزىدە بېشىنى چىقىرىپ يەم يېدى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چۈش ۋاقتى بولدى. غىزالىنىپ ئارام ئېلىش ئارىلىقىدا، ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن يىراقتىكى ۋۇخەندە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوغلى بىلەن ۋىيشىندا سىنلىق كۆرۈشتى: «دادا ـ ئاپا بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، تېنىڭلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن!» «ئوغلۇم، قارا، بىز بۇ يىل قىسقۇچپاقىدىن مول ھوسۇل ئالدۇق!» بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشاللىققا چۆمدى.

قىسقىغىنا دەم ئېلىشتىن كېيىن، ساڭ شاۋشېڭ ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن يەنە تۇتقان قىسقۇچپاقىلارنى ئايرىش، ئوراش، ساندۇققا قاچىلاشقا باشلىدى، گەرچە ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن كۈنلىرى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىدى.

«مەن قىسقۇچپاقا بېقىۋاتقىلى 16 يىل بولدى، ھازىر باقمىچىلىق تەجرىبەم بارغانسېرى بېيىدى، پايدىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ» دېدى ساڭ شاۋشېڭ.

ساڭ شاۋشېڭ تۇرۇشلۇق گۇاڭدۇڭدى يېزىسىنىڭ سۇ بايلىقى مول بولۇپ، ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا قوشنا، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، قىسقۇچپاقىنىڭ يېتىلىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. نۆۋەتتە گۇاڭدۇڭدى يېزىسىدىكى 3000 مو ئېكولوگىيە قىسقۇچپاقىسى باقمىچىلىق بازىسىدىن چىقىدىغان 100 توننىدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك قىسقۇچپاقا شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ھەرقايسى چوڭ بازارلار تەرىپىدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى.

«ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا تايىنىپ، بىز ئېكولوگىيە قىسقۇچپاقىسى ماركىسىنى يارىتىۋاتىمىز، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ كىشى سۈپەتلىك مەھسۇلاتىمىزنى تېتىيالايدۇ» دېدى ساڭ شاۋشېڭ.