توقسۇندا چىلان باغچىسى ئېچىلىپ چىلانلار ئۈزۈلدى

日期:2023年09月26日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، «جۇڭگونىڭ چىلگە چىلان ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدىغان توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرىنىڭ بۆرە بۇلاق كەنتىدە چىلان ئۈزۈش باغچىسىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، بۇ شەكىل ئارقىلىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل باغۋەنچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، چىلان، ئۆرۈك، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق خاس باغۋەنچىلىكنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل ئورگانىك داڭلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى كۆلەملەشتى، بۇ يىل چىلان ھوسۇلىنىڭ 7536 توننىغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ( ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى جىڭخەي، خۇ گوكەي فوتوسى، خەۋىرى )


ئامما باغچە ئېچىلىش مۇراسىمىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىماقتا.


توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرى بۆرە بۇلاق كەنتىدە كۆرگەزمە قىلىنغان چىلانلار.

ساياھەتچىلەر باغدا چىلان ئۈزمەكتە.