تېكەس ناھىيەسىدە ئېكولوگىيەلىك سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق كەسپى يېزا-كەنتلەردىكى ئالقىشلىق كەسىپكە ئايلاندى

日期:2023年09月25日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدائىچكى قۇرۇقلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، تېكەس ناھىيەسىنىڭ كۆكسۇ بازىرى سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىدىكى سالمون بېلىقى، رەڭدار ترۇت بېلىقى، ئالتۇن ترۇت بېلىقىمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى. يېقىندا، بۇ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىدىكى باقمىچىلىق كۆلچەكلىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. تېكەس ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسى تەدرىجىي ھالدا بېلىجان يېتىشتۈرۈشتىن ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سوغۇق ساقلاش زەنجىرىبىر گەۋدە قىلىنغان ئېكولوگىيەلىك سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىنى شەكىللەندۈردى، بازىنىڭ قۇرۇلۇشى تېكەس ناھىيەسىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئەتراپتىكى 50 نەپەر دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.(ئىختىيارىي مۇخبىرخەي رى جاڭ جېڭبىن)


تېكەس ناھىيەسى كۆكسۇ بازىرى سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىدىكى ئېرىگەن ئوكسىگېننى تەكشۈرۈش ئەسۋابى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ باقمىچىلىق ئەندىزىسى قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان زاۋۇتلاشقان باقمىچىلىق بولۇپ، قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان زاۋۇتلاشقان باقمىچىلىق پاكىز، مۇھىت ئاسرايدىكەن. ئېقىن سۇ مىكروب ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن بېلىق كۆلچىكىگە قۇيۇلىدىكەن، چىقىرىۋېتىلگەن سۇ يىغىۋېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئوتلاقنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىكەن، بۇنىڭدا بۇلغانمىغان باقمىچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، سۇ بايلىقى تېجىلىدىكەن.


باقمىچىلىق كۆلچىكىدىكى بىر رەڭدار تروت بېلىقى. 2021-يىلى بۇ بازا شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كىرگۈزگەن بېلىق تۇخۇمىتېخنىكلارنىڭ تۇخۇمدىن چىقىرىشى ئارقىلىقبېقىلىشقا باشلىغان، نۆۋەتتە يىلىغا 400 مىڭ تال تەييار سالمون بېلىقى، رەڭدار سالمون بېلىقى ۋە ئالتۇن سالمون بېلىقى، يىلىغا 1 مىليون تال بېلىجان تۇخۇمدىن چىقىرىلىدىكەن.