لوپنۇر: لوپنۇر كەندىرىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتى تېزلىتىلدى

日期:2023年08月22日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر كەندىرى بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، لوپنۇر كەندىرى چېيى، ھەسەل، دورا، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، تاختا ماتېرىيال قاتارلىق بازار ماركىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، لوپنۇر كەندىرىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىخاۋ جاۋفوتوسى)

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى بىر لوپنۇر كەندىرى يېلىمسىزلاندۇرۇش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار يىرىك پىششىقلانغان لوپنۇر كەندىرى پوستىنى تاللاپ، يېلىمسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا تەييارلانماقتا. يېلىمسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىنئىشلەنگەن قۇرۇق ئاق كەندىرنى لوپنۇر كەندىرى فۇنكىسىيەلىك كىيىم-كېچەكلىرىنى توقۇشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇر كەندىرى پىششىقلاش كارخانىسىدا مىكرو دولقۇن ئارقىلىق مىكروبسىزلاندۇرۇلغان لوپنۇر كەندىرى چېيى يىمىرىش ماشىنىسىدا يىمىرىلمەكتە.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇر كەندىرى ئېتىزى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسىدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا رىياسەتچىسى ۋاڭ شياۋخۇڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ لوپنۇر كەندىر چېيىنى تونۇشتۇرماقتا.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇر كەندىرىنى يېلىمسىزلاندۇرۇش زاۋۇتىدا ئىشچىيېلىمسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىنكى لوپنۇر كەندىرى تالاسىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇر كەندىرى پىششىقلاش كارخانىسىدا ئىشچىلار لوپنۇر كەندىرى چېيىنى پىششىقلىماقتا.