چىڭگىل: بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئاتلاندى

日期:2023年08月22日
来源:天山网
【字体:

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئاغاش ئوبا يېزىسىدىكى باقمىچى جېڭىسبېك داۋىلقاننىڭ قوتىنىغا كىرگىنىمىزدە، ساغلام، يوغان100 تۇياق سىمېنتال كالىسىئىشتىھا بىلەن يەم – خەشەكيەۋاتاتتى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاغاش ئوبا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، يېزىلىق ھۆكۈمەت دېھقان - چارۋىچىلارنى ئەنئەنىۋى ئىدىيە قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئەلا سورتلارنى ياخشى تۇتۇپ، چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي بېقىش،ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا يېتەكلىدى، دېھقان - چارۋىچىلار ئىلمىي ۋە كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر قولەيشە يېلىسېنقان)

باقمىچى جېڭىسبېك چاقىرىققا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئۆيىدە بېقىۋاتقان كالا ۋە قويلىرىنى سېتىۋېتىپ، سىرتتىن ئون نەچچە تۇياق سىمېنتال كالىسىكىرگۈزدى، يەنە نەسىللىك بۇقا كىرگۈزۈپ، كالىلىرىنىڭ نەسلىنى ياخشىلىدى، ھازىر يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. سۈرەتتە: ئىشچىلار كالىلارغا يەم-خەشەك، سۇ بېرىش بىلەن ئالدىراش.

جېڭىسبېك باققان سىمېنتال كالىسى يوغان ھەم سېمىز.