شىنجاڭدىكى باغۋەنلەرنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

يېقىندىن بۇيان تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا، مېۋىلىك باغلاردا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى

دېھقانلار مېۋىلەرنى ئۈزۈش، ئايرىش، يەشىكلەرگە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولدى، ھەممە كىشى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى

كۇچا شەھىرىدە تېرىلغان 4000 مودىن ئارتۇق شىنمېي ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ بازارغا سالدى. سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن بازىرى سېغىن سۆگەت 1-كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى شىنمېي ئۈزمەكتە.ۋۇ لېفوتوسى

كۈنەس ناھىيەسى زەكتى بازىرى كوك ئىيىن كەنتىدىكى شىنمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى شىنمېي ئۈزۈش پەسلىگە كىرىپ، باغدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا، بېغىر رەڭ شىنمېيلار شاخلارغا پاتماي قالدى.جاڭ ۋېنتىڭفوتوسى

قەشقەر شەھىرى خاڭدى يېزىسى ئالتۇن توغراق كەنتىدىكى يەرلىك شاپتۇللار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى. يېقىندا، ئالتۇن توغراق كەنتىدە، باغۋەنلەر شاپتۇللۇق باغدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ شاپتۇل ئۈزۈپ، شاپتۇل توشۇپ، مول ھوسۇل ئالدىراشچىلىقىغا تولغان مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. بۇ يىل، ئالتۇن توغراق كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى شاپتۇل دەرىخىنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، چاتاش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەزگىللەردە دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ باغۋەنلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، بۈگۈنكى كۈندە، باغۋەنلەر ئۆستۈرگەن يەرلىك شاپتۇلنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىزدۇڭ شياۋ، جيا شياڭ)

باغۋەن ئۈزگەن يەرلىك شاپتۇلنى كۆرسەتمەكتە.(ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىزدۇڭ شياۋ، جيا شياڭ)

7-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى باغۋەنلەرگە ياردەملىشىپ توقاچ شاپتۇلنى ئايرىماقتا. يېقىندا، ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرى گۇشۇ كەنتىنىڭ 260 مو يېرىدىكى توقاچ شاپتۇللار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، ساۋەن شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، باغۋەنلەرنىڭ مېۋىلەرنى ۋاقتىدا ئۈزۈشىگە ياردەملەشتى ھەمدە جىڭدۇڭ، شۈنفېڭ قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، «توردا زاكاز قىلىش + تور سىرتىدا زاكازنى ئەۋەتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، توقاچ شاپتۇلنى چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا ساتتى.لەن لىڭفوتوسى

تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى. 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسى تەيزاڭ كەنتىدىكى باغۋەن ئامىنىخان رېقىپ ئۈزۈم ئۈزمەكتە. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىسەي زېڭلېفوتوسى)

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، باغۋەنلەر تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسى تەيزاڭ كەنتىدىكى ئۈزۈم سېتىش نۇقتىسىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئۈزۈم ساتماقتا.(ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىسەي زېڭلېفوتوسى)

بۇ يىل كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرى چېنگۇاڭ كەنتى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بېرىش-يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، دېھقان ئائىلىلىرىنى 110 مو يەرگە تاۋۇز تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە يېتەكلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە مو بېشى مەھسۇلاتى ئىككى توننا ئەتراپىدا بولىدىكەن.7-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرى چېنگۇاڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى تاۋۇز تېرىش بازىسىدا پىشقان تاۋۇزلارنى ئۈزمەكتە.ۋۇ لېفوتوسى

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرى چېنگۇاڭ كەنتىدىكى پارتىيەلىك پىدائىيلار تاۋۇز تېرىش بازىسىدا توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تاۋۇزلارنى تونۇشتۇرماقتا.ۋۇ لېفوتوسى

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، سودىگەرلەر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 103-تۇەن قوغۇنلىقىدا قوغۇن توشۇماقتا.لى خۇابېيفوتوسى

7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، خوتەن شەھىرىنىڭ ئاقچال يېزىسى سوقىدۆڭ كەنتىدىكى قوغۇنلۇقتا، پىلەك-يوپۇرماقلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چوڭ-چوڭ قوغۇنلار كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. كەنت ئاھالىلىرى ۋە پىدائىيلار ئېتىزدا ئۇياق-بۇياققا چېپىپ قوغۇنلارنى تاللاش، ئۈزۈش، توشۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقچال يېزىسى «تيەنمىگۇا» ماركىسىغا تايىنىپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانچىلىق ئائىلىسى» ئەندىزىسى بويىچە 2300 مو يەرگە قوغۇن، تاۋۇز تېرىپ، سۈپەتلىك ماركا ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پۇقرالارنى خاس تېرىقچىلىق كەسپى ئارقىلىق «شېرىن» تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.سۈرەتتە: كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۈزۈلگەن قوغۇننى كۆرسەتمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىرلاريەن جاۋشيا، سەيراڭ دۇڭجۇ، مۇختەر)

مەي باغلاپ پىشقان ئەنجۈرلەر. يوپۇغا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىنئارزىگۈلفوتوسى

مەي باغلاپ پىشقان ئەنجۈرلەر. يوپۇغا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىنئارزىگۈلفوتوسى

يېقىندا، ساياھەتچىلەر ئۆستۈرۈش باغچىسىدا مالىنا ئۈزمەكتە. ساۋەن شەھىرى داچۈەن يېزىسى سەنداۋگۇ كەنتى شۇ جاي يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ، مالىنا ئۆستۈرۈش كەسپىنى كېڭەيتىپ، ھەر يىلى يازدا مالىنا پىشقاندا، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ئۈزۈشكە جەلپ قىلدى. ھازىر، پۈتۈن كەنتنىڭ خاس باغۋەنچىلىك تېرىلغۇ كۆلىمى 260 موغا يېتىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى خاس كەسىپكە ئايلاندى.ۋاڭ فاڭجىفوتوسى

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ لاۋتەي يېزىسى لاۋتەي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى پىشقان پىندىق ياڭىقىنى ئۈزمەكتە.خې لۇڭفوتوسى

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 22-تۇەنگە جايلاشقان خېجىڭ ناھىيەسى بەيگويۈەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پارنىكىدا كۈزلۈك چىلان ئۈزمەكتە.شيې جياڭلىنفوتوسى

8-ئاينىڭ 8-كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى ئوتتۇرا ئۆستەڭ كەنتىدىكى چىلانلىقتا، مېۋە ئېتى تولغان چىلانلار دەرەخ شاخلىرىنى ئېگىپ، مول ھوسۇلنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىدەك كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مەنزىرىنى نامايان قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىلان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، باغ ـ ئورمانچىلىق پەرۋىشىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مارالبېشى ناھىيەسى ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك باغ ـ ئورمانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىنى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، چىلانچى دېھقانلارنى چىلان دەرىخىنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، چاتاش، چېچەك ۋە مېۋىنى ساقلاپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك پەرۋىش قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 111 مىڭ 700 مو يەردىكى چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىردىلشاتفوتوسى)

يېقىندا, كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى قايلور كەنتىدىكى تېرىقچىلىق بازىسىدا نەشپۈتتىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى، كەنت ئاھالىلىرى نەشپۈتلەرنى ئۈزۈش، توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىمەن بازىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دېھقانلارنى نەشپۈت ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى، ھازىر، 12 مىڭ مو يەرگە نەشپۈت تىكىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 600 مو يەرگە بالدۇر پىشىدىغان نەشپۈت ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.ۋۇ لېفوتوسى

ساياھەتچىلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يېزىسى گىلاس ئېكولوگىيە باغچىسىدا گىلاس ئۈزۈۋاتاتتى. ھازىر سەمەن يېزىسىدا 59 مو يەردىكى گىلاس ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ گىلاس ئۈزۈشنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىياڭ بىنفوتوسى

باغۋەنلەر گىلاسلارنى يەشىككە قاچىلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىياڭ بىنفوتوسى

ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرىدىكى كۆك ياڭاقلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىش مەزگىلىگە كىردى. 7ـ ئاينىڭ 31ـ كۈنى، كۆكيار بازىرى گېبى يېڭى كەنتىدىكى ياپيېشىل ياڭاقلىق باغدا، دانە ـ دانە كۆك ياڭاقلار شاخ ـ يوپۇرماقلار ئارىسىغا لىققىدە ئېسىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىر تەرەپتىن ياڭاق ئۈزگەچ، بىر تەرەپتىن مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، كۆكيار بازىرى ھازىرقى بايلىقىغا تايىنىپ ياڭاق تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر ياڭاق كۆكيار بازىرىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ قالدى.ئىختىيارىي مۇخبىرلارئەخەت موللىتۇردى، دىلبەر تۇرسۇن، ئاينۇر تىلەم

يېڭىلا ئۈزۈۋېلىنغان ياپيېشىل ياڭاق كۆزنى قاماشتۇراتتى.ئىختىيارىي مۇخبىرلارئەخەت موللىتۇردى، دىلبەر تۇرسۇن، ئاينۇر تىلەم