كەنت ئاھالىلىرى خۇشاللىققا چۆمدى قورغاستىكى بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى پايدا تەقسىم قىلدى

日期:2023年08月17日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، قورغاس شەھىرىنىڭ ئىچېگاشەن شىبە يېزىسىدا ھويلا-ئاراندا گۈل-گىياھ، كۆچەت ئۆستۈرۈپ سېتىش بويىچە پايدا تەقسىملەش يىغىنى ئېچىلىپ، 83 مىڭ 307 يۈەن پايدا نەق پۇل شەكلىدە 26 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىلدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس «قىزىل بولاق»ىغا قاراپ، يۈزىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. پايدا تەقسىم قىلغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى قورغاس شەھىرى بەيزەن گۈل ـ گىياھ، كۆچەت ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇپ، نھازىر جەمئىي 30 نەپەر ئەزاسى بار، بۇ كوپراتىپ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتىپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، گۈل مايسىلىرىنى بىر تۇتاش تارقىتىش، بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە ئىمزالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پايدا ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېڭ خەيسېن، ما يەنيەن )

كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىگە تەقسىملەنگەن پۇلنى ئالماقتا.

ئىچېگاشەن شىبە يېزىسى «بىر يېزىدا بىر كەسىپ بولۇش»، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» تەرەققىيات تەپەككۇرى بويىچە، تەبىئىي بايلىق، رايون ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، گۈل گىياھ، كۆچەت، مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنى بىكار تۇرغان بوش يەرلەردىن پايدىلىنىپ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى.