توققۇزتارا: مۇتەخەسسىسلەر ئېتىزدا بۇغداينى ئەمەلىي ئۆلچەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

日期:2023年08月10日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكىئاشلىقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا بۇغداي تېرىشقا يېتەكلەپ، شۇ جاينىڭ بۇغداي ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىن خالىغان بىر يەرنى تاللاپ، ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان كۆلەمنى ئۆلچەش، بۇغداي دېنىنىڭ يېڭى ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، سۇ نىسبىتىنى ئۆلچەش، گىرنى توغرىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەۋجىدە ئايجانار )

توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ئاشلىقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى 560 مو كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۈزگى بۇغداي كۆلىمى 110 مو، ئاساسلىق سورتى يىنۇڭ 22-نومۇر.

بۇ يىل توققۇزتارا ناھىيەسى دېھقانلارنى تېرىش زىچلىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۈزگى بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى بۇلتۇرقىدىن 30 مىڭ باشاقتىن 50 مىڭ باشاققىچە ئاشۇردى.