مورى: ئەنئەنىۋى كەنت ئارام ئالىدىغان مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى

日期:2023年08月10日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىنبۇلاق يېزىسى يۆلياڭدى كەنتىدە سەيلە-ساياھەت قىلغاچ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئېگىنبۇلاق يېزىسى يۆلياڭدى كەنتى 2014-يىلى 3-تۈركۈمدىكى جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ ناھىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەنئەنىۋى پىشايۋانلىق تۇرالغۇلارنى رېمونت قىلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سىرتقى قىسمىنى ئەسلى قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىپ، ئىچكى قىسمىنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، «قەدىمىي ئۇسلۇب، قەدىمقي پۇراق، قەدىمىي قىياپەت، ئەسلىي ئۇسلۇب، ئەسلىي ئېكولوگىيە»دىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى كەنت خاسلىقىنى شەكىللەندۈردى. مۇشۇ ئاساستا، يۆلياڭدى كەنتى «يېزا ئىگىلىكىنى ھېس قىلىش + ئىستىراھەت ساياھىتى» كەسىپ ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا-كەنت ساياھەت ئۈلگە نۇقتىسىغا ئايلاندى.

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر يۆلياڭدى كەنتىدە سەيلە-ساياھەت قىلىپ، مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، يۆلياڭدى كەنتىدىكى بىر ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ خىزمەتچىسى ھويلىنى سۈپۈرۈپ تازىلىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىر كىچىك دوست يۆلياڭدى كەنتىدىكى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا ئوينىماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، يۆلياڭدى كەنتىدە، سەيلە-ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچى بالىسىنى ئىلەڭگۈچ ئويناتماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىر كىچىك دوست يۆلىياڭدى كەنتىدىكى كىچىك دۇكاندىن كەمپۈت سېتىۋالماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىيۆلياڭدى كەنتىدىكى بىر دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىدا كاۋاپ پىشۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

بۇ كەنتتە ھازىر دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، ئېسىل سارايلارنىڭ سانى30دىن ئاشىدىغان بولۇپ، كۈنىگە 400دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى