ئونسۇ: ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، خىزمەت ئەترىتى ياردەملىشىپ يىغىشىپ بەردى

日期:2023年08月09日
来源:天山网
【字体:

ھازىر، ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرىدىكى كۆك ياڭاقلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىش مەزگىلىگە كىردى. 7ـ ئاينىڭ 31ـ كۈنى، كۆكيار بازىرى گېبى يېڭى كەنتىدىكى ياپيېشىل ياڭاقلىق باغدا، دانە ـ دانە كۆك ياڭاقلار شاخ ـ يوپۇرماقلار ئارىسىغا لىققىدە ئېسىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىر تەرەپتىن ياڭاق ئۈزگەچ، بىر تەرەپتىن مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، كۆكيار بازىرى ھازىرقى بايلىقىغا تايىنىپ ياڭاق تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر ياڭاق كۆكيار بازىرىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ قالدى.

ئىختىيارىي مۇخبىرلارئەخەت موللىتۇردى، دىلبەر تۇرسۇن، ئاينۇر تىلەم

ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ گېبى يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ياڭاق يىغىشبىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

يېڭىلا ئۈزۈۋېلىنغان ياپيېشىل ياڭاق كۆزنى قاماشتۇراتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى