7-ئاينىڭ ئاخىرى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئىلى دەريا ۋادىسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تېرىغان ئۈستىقۇددۇس ئېتىزلىقىدا، تۇتاش كەتكەن كۆز يەتكۈسىز سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى، گۈل تېرىيدىغاندېھقانلار ئېتىزدا ئۈستىقۇددۇسئورۇۋاتقان بولۇپ، گۈلنىڭ خۇش ھىدىئەتراپقا تاراپ، مول-ھوسۇل كەيپىياتى ئەۋج ئالغان ئېتىزلىققا ئالاھىدە ھۆسىن قوشتى. بۇ شىركەت 2600 مودىن ئارتۇق ئۈستىقۇددۇس ئېتىزى بەرپا قىلىپ، ھەر يىلى 3-ئايدىن 11-ئايغىچە 30دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىر خۇا يەنمىڭ)
گۈل تېرىيدىغان دېھقان ئەمدىلا ئورۇغان ئۈستىقۇددۇسنى كۆرسەتمەكتە.
گۈل تېرىيدىغاندېھقانلار ئورۇۋالغان ئۈستىقۇددۇسلارنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى