ئەنئەنىۋى كونا ھۈنەردىن يېڭى ئىستىقبال يارىتىش

日期:2023年07月13日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«قەدىمىي شەھەر ئۆزگەرتىلىپ يېپيېڭى تۈسكە كىردى، لېكىن ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن قالغان تىرىكچىلىك يولى يوقالغىنى يوق.» مەمەترىشات مەمتىمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى شۇنداق ياخشى ئۆزگەرتىلدى، دۇكانغا ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى، مىسكەرلىك بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، بۇ يىل قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈچ كۈندىلا 6000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم».

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى تۆمۈرچى، مىسكەر قاتارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۈچۈن مەخسۇس «تۆمۈرچى بازىرى»نى پىلانلاپ، بىر قىسىم قەدىمىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جەلپ قىلدى.

4 - ئەۋلاد مىسكەرلىك ھۈنىرىنىڭ ۋارىسى بولغان مەمەترىشات قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە نەۋرە ئىنىسى بىلەن «چېۋەر ۋارىسلار مىسكەرلىك دۇكىنى» ئاچتى. ھەر كۈنى، ئىشىك ئالدىدا تاراڭ - تۇرۇڭ قىلغان ئاۋازلار ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.

قەشقەر مىسكەرچىلىكىنىڭ تارىخى ئۇزاق، شەكلى ئۆزگىچە، تۈرى كۆپ. 2021 - يىلى، قەشقەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىسكەرلىك ھۈنىرى 5 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

چېۋەر ۋارىسلار مىسكەرلىك دۇكىنىغا تىزىپ قويۇلغان چەينەك، قاچا، لوڭقا، كومزەك، داسلار تولىمۇ نەپىس ياسالغانىدى. مىستىن ياسالغان قازان - قومۇچلارنىڭ شەكلى كۆپ خىل، ياسىلىشى سىپتا، نەقىشلىرى چىرايلىق بولۇپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكى ئورنىدا پايدىلىنىشقا بولۇپلا قالماي، يەنە يىغىپ ساقلاش بۇيۇمى قىلىشقا بولىدىغانلىقتىن، خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

«بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن بىر مىس چەينەكنى تاللاپ سېتىۋېلىپ ئېلىپ كېتىپ خاتىرە بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلىماقچىمەن»، دۇكانغا ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كىرگەن سەنشىلىك ساياھەتچى چېن ئەپەندى قىزىل مىستىن ياسالغان بىر چەينەكنى سېتىۋالدى.

دۇكانغا تىزىپ قويۇلغان ھەربىر نەپىس مىس بۇيۇم بۇ ئاكا - ئۇكىلارنىڭ چېۋەر قولىدا بارلىققا كەلگەنىدى. مەمەترىشاتنىڭ قەلبىدە ھەربىر مىس بۇيۇمغا چوڭقۇر مەدەنىيەت روھى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھەممىسىگە ئۇلارنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەنىدى.

«ساياھەتچىلەر قولدا سوقۇلغان مىس چەينىكىمىزنى ياقتۇرىدۇ، بۇ تۆت كىچىك چەينەكنى شاڭخەيلىك ساياھەتچىلەر ۋىيشىن ئارقىلىق زاكاز قىلغان.» مەمەترىشات پۈتكۈزۈلگەن نەقىشلىك كىچىك چەينەككە قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: قولدا سوقۇلغان مىس بۇيۇملاردا سەنئەت تۇيغۇسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا تەڭ ئېتىبار بەرگەنلىكىمىز ئۈچۈن ھاياتىي كۈچكە تولدى.

بىر دانە ئېسىل مىس بۇيۇم ياساش ئۈچۈن، مەمەترىشاتنىڭ ئادەتتە نەچچە مىڭ قېتىم بولقىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى بۇ خىل ئاددىي ۋە پۇختا ئۇسۇل ئارقىلىق كونا ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى.

مەمەترىشاتنىڭ ئۆيى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە بولۇپ، ئۇنىڭ بوۋىسى بىلەن دادىسى بىر ئۆمۈر مىسكەرلىك بىلەن شۇغۇللانغان. مەمەترىشات ئېسىنى بىلگەندىن باشلاپ، دادىسى ھويلىدا قەددىنى ئەگكىنىچە مىس بۇيۇم سوقاتتى، مەمەترىشاتنىڭ كۆزىگە سىڭىش بولۇپ كەتكەچكە، كىچىكىدىنلا مىس بۇيۇم ياساشقا قىزىقىپ قالغانىدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ دادىسىغا ئەگىشىپ مىسكەرلىكنى ئۆگىنىشنى قارار قىلدى.

20 نەچچە يىل تاۋلىنىش ئارقىلىق، بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن مەمەترىشات ۋايىغا يەتكەن مىسكەرلىك ھۈنىرىنى يېتىلدۈردى.

«پۈتۈنلەي قولدا سوقۇلغان بىر مىس چەينەكنى ياساش ئۈچۈن ئادەتتە سەككىز كۈندىن ئون كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئون نەچچە خىل ھۈنەر - سەنئەت تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا ھەمدە ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىڭ قېتىم بولقىلاشقا توغرا كېلىدۇ.» مىسكەرلىك ھۈنىرى تىلغا ئېلىنغاندا، ھاياجانلانغىنىدىن مەمەترىشاتنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كېتىدۇ.

2015 - يىلى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى شەرىپىگە ئېرىشىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئېشىپ، مەمەترىشاتمۇ ئىشىكى ئالدىدىلا «ساياھەت تامىقى»نىڭ تەمىنى تېتىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ۋىيشىن، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، چېۋەر ۋارىسلار مىسكەرلىك دۇكىنىدا قولدا سوقۇلغان ئەنئەنىۋى مىس بۇيۇملارنىڭ زاكازى بارغانسېرى كۆپەيدى.

ھۈنىرىنىڭ خېرىدارلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى، تەرىپلىنىشى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىش، مەمەترىشات سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: مىسكەرلىك قىلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىزچىل ھۈنىرىمگە تايىنىپ پۇل تاپتىم، سەمىمىيلىكىمگە تايىنىپ پۇل تاپتىم، «باشقىلار سىز ياسىغان بۇيۇملارنى ئېتىراپ قىلغاندىلا، بۇ ھۈنەرگە ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدۇ. مەن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، مىسكەرلىك ھۈنىرىمنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمەن».